باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

«ئۇچتۇرپان باھارى-يىپەك يولىدىكى بولاق شەھىرى ئۆرۈك چېچىكى سەيلىسى» فوتو سۈرەت بايرىمى يېقىندا باشلىنىدۇ

2016.04.07 14:54         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 6-ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: (ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئابدۇسالام نىياز خەۋەر قىلىدۇ) ئۇچتۇرپان ناھىيەسىدە باھار كېچىكىپ كېلىدۇ، ھەر يىلى ئاپرېل ئايلىرى كېلىشى بىلەنلا ھۈپپىدە ئېچىلغان 50 مىڭ مو يەردىكى ئۆرۈك چېچىكى ئىنتايىن گۈزەل مەنزىرە ھاسىل قىلىپ، ناھىيە ئىچى-سىرتىدىن كەلگەن ساياھەتچىلەرنى ئۆزىگە جەلپ قىلىدۇ. ئۇچتۇرپان ناھىيەسى مۇشۇ ئەۋزەللىكىگە ئاساسەن 9-ئاپرېلدىن باشلاپ ئاي ئاخىرىغىچە 3-قېتىملىق «ئۇچتۇرپان باھارى-يىپەك يولىدىكى بولاق شەھىرى ئۆرۈك چېچىكى سەيلىسى» فوتو سۈرەت بايرىمى ئۆتكۈزۈشنى پىلانلىدى.

  شىنجاڭنى سۆيۈش، ئانا يۇرتىنى ساياھەت قىلىش 3-قېتىملىق «ئۇچتۇرپان باھارى-يىپەك يولىدىكى بولاق شەھىرى ئۆرۈك چېچىكى سەيلىسى» فوتو سۈرەت بايرىمىنى ئاپتونوم رايونلۇق ساياھەت ئىدارىسى بىلەن ئۇچتۇرپان ناھىيەسى بىرلىكتە ئۆتكۈزۈشنى پىلانلىغان بولۇپ، ئوتبېشى يېزىسىنىڭ ئۆرۈكلۈك كەنتىدە ساياھەتچىلەر ئۆرۈك چېچىكى فوتو سۈرەت ئەسەرلىرى كۆرگەزمىسى پائالىيىتى، چوڭ تىپتىكى خاتىرە توي سۈرىتىگە چۈشۈش پائالىيىتى، بۇلاق شەھىرى ئارامبەخش ماكان ئۇچتۇرپان يېمەك- ئىچمەك بايرىمى، ئالاھىدە ساياھەت ماركا كۆرگەزمىسى، «ئۆرۈك چېچىكى ئوبراز ئەلچىسى بىلەن سۈرەتكە چۈشۈپ ئەسلىمە قالدۇرۇش» پائالىيىتى ۋە بېزەك ھارۋىدا ساياھەت قىلىش قاتارلىق يۈرۈشلۈك پائالىيەتلەر ئۆتكۈزۈلىدۇ. يۈرۈشلۈك پائالىيەتلەر ئارقىلىق ئۇچتۇرپان ناھىيەسىنىڭ داڭلىق ساياھەت ماركىسىنى يارىتىش نىشانى يەنە بىر قەدەم ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئەمەلگە ئاشۇرۇلىدۇ. نۆۋەتتە پائالىيەتنىڭ تەييارلىق خىزمەتلىرى ئاساسى جەھەتتىن تاماملاندى.

  ئىگىلىنىشىچە، ساياھەتچىلەرگە قولايلىق بولۇش ئۈچۈن ئاقسۇ شەھىرىدە «ئۆرۈك چېچىكى بايرىمى» كۈتۈۋېلىش ئورنى تەسىس قىلىنىپ، ئالدىن بىلەت زاكاز قىلىدىغان ساياھەتچىلەر ئۈچۈن مەخسۇس لىنىيە ئېچىلىپ، كوللېكتىپ بېلەتتە %38 دىن %49 گىچە ئېتىبار قىلىنىدىكەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر