باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

دۆلەت زېمىن بايلىقى مىنىستىرلىقى: ئاساسىي كاپالەت رولىمىزنى جارى قىلدۇرۇپ مىللىي رايونلارنىڭ تەرەققىياتىنى قوللايمىز

2016.04.07 15:03         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  دۆلەت زېمىن بايلىقى مىنىستىرلىقىنىڭ مەسئۇلى يېقىندا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: 12- بەش يىللىق پىلاندىن بۇيان، دۆلەت زېمىن بايلىقى مىنىستىرلىقى مىللىي رايونلارنىڭ ئىقتىسادىي ئىجتىمائىي تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى نىشان قىلىپ، مىللىي رايونلارنىڭ ئىقتىسادىي ئىجتىمائىي تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى 10 تۈرلۈك سىياسەت ھۆججىتىنى تۈزۈپ چىقىپ، مىللىي رايونلاردىكى سەككىز ئۆلكە ئاپتونوم رايوننىڭ ئىقتىسادىي ئىجتىمائىي تەرەققىياتىنى كۈچلۈك قوللىدى.

  تونۇشتۇرۇلۇشىچە، 12- بەش يىللىق پىلان مەزگىلىدە دۆلەت زېمىن بايلىقى مىنىستىرلىقى شىنجاڭ، شىزاڭ، ئىچكى موڭغۇل، گۇاڭشى، نىڭشيا قاتارلىق مىللىي رايونلارنىڭ يەر ئىشلىتىش پىلانىنى قوللاش كۈچىنى يىلسېرى كۈچەيتكەن. 2015-يىلى دۆلەت زېمىن بايلىقى مىنىستىرلىقى بەش ئاپتونوم رايوننىڭ يەر ئىشلىتىش پىلانىنى 60 مىڭ 55 گېكتار قىلىپ بېكىتكەن، بۇ 2011-يىلى چۈشۈرۈلگەن 47 مىڭ 540 مىڭ گېكتاردىن %27 ئاشۇرۇلۇپ، مىللىي رايونلارنىڭ قاتناش، سۇچىلىق، ئېلېكتىر قۇۋۋىتى قاتارلىق ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى، ئەمىن ئۆيلەرگە كۆچۈرۈپ،خەلقنى بېيىتىش، خاتىرجەم ئولتۇراقلاشتۇرۇپ چارۋىچىلىقنى گۈللەندۈرۈش، داۋالاش، سەھىيە، ئىچىملىك سۇ بىخەتەرلىكى قاتارلىق خەلق تۇرمۇشى تۈرلىرىگە ئىشلىتىلىدىغان ئېھتىياجىغا ئالدى بىلەن كاپالەتلىك قىلىنغان.

  12- بەش يىللىق پىلان مەزگىلىدە، ئىچكى موڭغۇل، گۇاڭشى، شىزاڭ، نىڭشيا ۋە شىنجاڭ قاتارلىق مىللىي رايونلارغا مەركەز تەقسىم قىلىپ بەرگەن يېڭىدىن كۆپەيتىلگەن قۇرۇلۇشقا ئىشلىتىلىدىغان يەرنى ھەقلىق ئىشلىتىش ھەققى 13 مىليارد 690 مىليون يۈەنگە يېتىپ، بەش ئاپتونوم رايوننىڭ يۇقىرى ئۆلچەملىك 3 مىليون 200 مىڭ گېكتاردىن ئارتۇق ئاساسىي ئېتىز ئېرىق قۇرۇلۇشىغا مەدەت بېرىلگەن.

  مىللىي رايونلارنىڭ گوۋۇيۈەننىڭ تەستىقلىشىغا سۇنىدىغان شەھەرلەرنىڭ كاپالەتلىك ئەمىن ئۆي قۇرۇلۇشىغا ئىشلىتىلىدىغان يېرىنى دۆلەت زېمىن بايلىقى مىنىستىرلىقى مۇددەتتىن بۇرۇن تەكشۈرۈپ، ئايرىم تەستىق سالىدۇ، يەر ئىشلىتىش كۆرسەتكۈچىنى دۆلەت ئورۇنلاشتۇرىدۇ. باشقا كاپالەتلىك ئەمىن ئۆي قۇرۇلۇشىغا ئىشلىتىلىدىغان يەر كۆرسەتكۈچىنى يەرلىككە ئايرىم چۈشۈرۈپ بېرىدۇ، كاپالەتكە ئىگە قىلىشقا تېگىشلىكلىرىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىدۇ. شىزاڭ، شىنجاڭ قاتارلىق مىللىي رايونلارنىڭ كاپالەتلىك ئەمىن ئۆي قۇرۇلۇشىغا ئىشلىتىلىدىغان يەر ۋەزىپىسىنى مۇددەتتىن بۇرۇن ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا شىزاڭنىڭ شەھەر بازارلاردىكى كەپىلىك مەھەللىلەرنى ئۆزگەرتىش ۋە يېزىلاردىكى خەتەرلىك ئۆيلەرنى ئۆزگەرتىش خىزمىتىنى پائال قوللايدۇ.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر