باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

كۇچا ناھىيەسىدە كەنت يوللىرى راۋانلاشتى

2016.04.07 14:55         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 6-ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: (جۇڭگو خەلق بانكىسى كۇچا ناھىيەلىك تارماق بانكىسىدىن راھىلە توختى خەۋىرى) مەركەز ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ يېقىنقى يىللاردىن بۇيان كۇچا ناھىيەسىنىڭ يېزا، كەنت يول قۇرۇلۇشىغا سالغان مەبلىغىنىڭ كۆپىيىشىگە ئەگىشىپ يېزا، كەنت يوللىرى راۋانلاشتۇرۇلۇپ، دېھقانلارنىڭ يول يۈرۈشىگە قولايلىق يارىتىلدى.

  ئوقۇشىمچە، يېزا، كەنت يول قۇرۇلۇشى يولغا قۇيۇلغاندىن بۇيان، كۇچا ناھىيەسىدە 124 مىليون يۈەندىن كۆپرەك مەبلەغ سېلىنىپ، 212 كەنت يولى ياسىلىپ، ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 532 كىلومېتىرغا يەتكەن. ھازىر يېزا-بازارلاردىكى يوللارنىڭ ئاسفالتلاشتۇرۇلۇش نىسبىتى %100كە، كەنتلەردىكى يوللارنىڭ ئاسفالتلاشتۇرۇلۇش نىسبىتى %96كە يەتكەن. بۇ يىل يەنە 63 كىلومېتىر يېزا، كەنت يولىنى رېمونت قىلىش، ياساش پىلانلانغان بولۇپ، بۇ قۇرۇلۇشقا 16 مىليون يۈەندىن كۆپرەك مەبلەغ سېلىنىدىكەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر