باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

خاتىرجەم يېتىڭ ساجىمخان مۆمىن، روھىڭىز مەڭگۈ تاپقۇسى ئەمىن

2016.04.07 14:43         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 6-ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: (ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز تۇرسۇنجان ھەسەن، ھاۋاگۈل ئىمرەمزى خەۋەر قىلىدۇ) 4-ئاينىڭ 3-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن ئاۋات ناھىيەسىنىڭ پارتكۇم، خەلق ھۆكۈمىتى رەھبەرلىرى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مەدەنىيەت نازارىتىدىن كەنتكە چۈشكەن خىزمەت گۇرۇپپىسىدىكىلەر ۋە يېڭىئېرىق يېزىسىنىڭ يەكلى كەنتىدىكى ئامما بىلەن بىرلىكتە ساجىمخان مۆمىننىڭ مەقبەرىسىگە كېلىپ، ئىنقىلابىي قۇرباننىڭ ئۇلۇغ تۆھپىسىنى ياد ئېتىپ، ئۇنىڭ تۆھپە قوشۇش روھىغا مەدھىيە ئوقۇدى.

  ساجىمخان مۆمىن ئاۋات ناھىيەسى يېڭىئېرىق يېزىلىق پىلانلىق تۇغۇت ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى بولۇپ. 1998-يىلى 5-ئاينىڭ 10-كۈنى ناھىيەلىك پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتىدىن تۆۋەنگە چۈشكەن خىزمەت گۇرۇپپىسىنىڭ باشچىلىقىدا، شۇ يېزىنىڭ ئۈستۈنكى لەڭگەر كەنتىدە پىلانلىق تۇغۇت تەشۋىقات-تەربىيە خىزمىتىنى ئىشلەۋاتقاندا، ئەسەبىي ئۇنسۇرلار تەرىپىدىن زىيانكەشلىككە ئۇچراپ، 31 يېشىدا بەختىگە قارشى قۇربان بولغان.

  شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئۇنىڭغا ئىنقىلابىي قۇربان، دۆلەتلىك پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتى ۋە كادىرلار مىنىستىرلىقى ۋە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى «نەمۇنىيلىك مەمۇرىي خادىم» دەپ شەرەپلىك نام بەرگەن.

  شۇ كۈنى يەنە ناھىيەلىك تەجرىبە باشلانغۇچ مەكتەپتىكى 40دىن ئارتۇق ئوقۇغۇچى ساجىمخان مۆمىننىڭ مەقبەرەسىگە كېلىپ كوللېكتىپ قەسەم بېرىش، قەبرە سۈپۈرۈش، پىيونېرلار ئەترەت ناخشىسىنى ئېيتىش قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق ئىنقىلابىي قۇرباننى ياد ئېتىپ، ئىنقىلابىي قۇربانغا بولغان چوڭقۇر ھۆرمىتىنى ئىپادىلىدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر