باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>ئۆز خەۋىرىمىز

شىنجاڭ قىزىل ئارمىيە ئاۋىياتسىيە ئەترىتىدىكىلەرنىڭ ئەۋلادلىرى تەشكىللىنىپ، ئۇزۇن سەپەر غەلىبىسىنىڭ 80 يىللىقىنى خاتىرىلەش پائالىيىتى ئۆتكۈزدى

2016.04.05 11:13   مەنبە: خەلق تورى

شىنجاڭ قىزىل ئارمىيە ئاۋىياتسىيە ئەترىتىدىكىلەرنىڭ ئەۋلادلىرى تەشكىللىنىپ، ئۇزۇن سەپەر غەلىبىسىنىڭ 80 يىللىقىنى خاتىرىلەش پائالىيىتى ئۆتكۈزدى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 5-ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 4-ئاينىڭ 1-كۈنى، قىزىل ئارمىيە شىنجاڭ ئاۋىياتسىيە ئەترىتىدىكىلەرنىڭ ئەۋلادلىرى ئۆزلۈكىدىن تەشكىللىنىپ ئويۇشتۇرغان، ھاۋا ئارمىيە ئاۋىياتسىيە مۇزېيى، ھاۋا ئارمىيە ئاۋىياتسىيە ئۇنىۋېرسىتېتى، شىنجاڭ ئارخىپ ئىلمىي جەمئىيىتى كومىتېتى قاتارلىق ئورۇنلار قاتناشقان «قىزىل ئارمىيە ئۇزۇن سەپەر غەلىبىسىنىڭ 80 يىللىقىنى خاتىرىلەپ، ھاۋا ئارمىيە ئىنقىلابىي قۇربانلىرىنى ياد ئېتەيلى» تېمىسىدىكى خاتىرىلەش پائالىيىتى بېيجىڭدىكى ھاۋا ئارمىيە ئاۋىياتسىيە مۇزېيىدا ئۆتكۈزۈلدى. ھاۋا ئارمىيەسىنىڭ يۈزگە يېقىن پېشقەدەم جەڭچىسى ۋە پېشقەدەم قىزىل ئارمىيە جەڭچىلىرىنىڭ ئەۋلادلىرى مۇزىيدىكى قەھرىمانلار تېمى ئالدىغا كېلىپ، ئۇرۇشتا ۋە ھاۋا ئارمىيە قۇرۇلۇشىدا قۇربان بولغان ئىنقىلابىي قۇربانلارغا گۈل قويدى ھەم خاتىرىلەش سۆھبەت يىغىنىغا قاتناشتى.

  1936-يىلى 10-ئايدا، قىزىل ئارمىيەنىڭ ئۈچ چوڭ ئاساسىي كۈچى گەنسۇ ئۆلكىسىنىڭ خۇينىڭ دېگەن يېرىدە غەلىبىلىك ئۇچراشتى، مىسلىسىز مۇشەققەتلىك 25 مىڭ چاقىرىملىق ئۇزۇن سەپەر غەلىبىلىك ئاياغلاشتى. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى يىراقنى كۆرۈپ، ھەر قايسى يۆنىلىش قىزىل ئارمىيەسى ئارىسىدىن 40 نەچچە كوماندىر-جەڭچىنى تاللاپ، شىنجاڭغا ئۇچقۇچىلىقنى ئۆگىنىشكە ئەۋەتىپ، خەلق ھاۋا ئارمىيەسىنى قۇرۇشقا زاپاس كۈچ بەرپا قىلدى، بۇ ئەترەت تارىختا «شىنجاڭ ئاۋىياتسىيە ئەترىتى» دەپ ئاتالدى. شىنجاڭ ئاۋىياتسىيە ئەترىتى پارتىيەمىز ۋە ئارمىيەمىزنىڭ تۇنجى ھاۋا-يەردىكى سەپلىمىسى مۇكەممەل بولغان، پۈتۈنلەي قىزىل ئارمىيە ئوفىتسېر-ئەسكىرىدىن تەشكىللەنگەن ئاۋىئاتسىيە جەڭ قىلغۇچى قىسىمى بولۇپ، يولداش چېن يۈن ئۇلارنى «ئارمىيەمىزنىڭ تۇنجى تۈركۈمدىكى قىزىل ئۇچقۇچىلىرى» دەپ تەرىپلىگەن ئىدى. بۇ بىر تۈركۈم پېشقەدەم قىزىل ئارمىيە جەڭچىلىرى تۈرلۈك جاپا-مۇشەققەتنى باشتىن كەچۈرۈپ، تىرىشىپ مەدەنىيەت قىيىن ئۆتكىلىدىن ئۆتۈپ، ناھەق زىيانكەشلىككە ئۇچراپ، تۈرمە ئازابىنى يەتكۈچە تارتىپ، ئەڭ جاپالىق شارائىتتا ئۆگىنىش ۋە مەشىق ۋەزىپىسىنى تاماملاپ، كېيىنچە پارتىيەمىزنىڭ خەلق ھاۋا ئارمىيەسىنى قۇرۇشتىكى قىممەتلىك ئۇرۇقلىرى بولۇپ قالدى.

  1946-يىلى 3-ئايدا، پارتىيەمىزنىڭ تۇنجى ئاۋىياتسىيە مەكتىپى __ شەرقىي شىمال دېموكراتىك بىرلەشمە ئارمىيەسى ئاۋىياتسىيە مەكتىپى (ئادەتتە «شەرقىي شىمال كونا ئاۋىياتسىيە مەكتىپى» دەپ ئاتىلىدۇ) جىلىن ئۆلكىسىنىڭ توڭخۇا شەھىرىدە قۇرۇلدى، شىنجاڭدىن يەنئەنگە قايتىپ كەلگەن كونا قىزىل ئارمىيە جەڭچىلىرى 8-ئارمىيە باش ئىشىتابى ئاۋىئاتسىيە ئەترىتىنى تەشكىل قىلىپ، بۇيرۇققا بىنائەن شەرقىي شىمالغا بېرىپ، بۇ يەردە جاپا-مۇشەققەت ئىچىدە خەلق ھاۋا ئارمىيەسىنى بەرپا قىلدى. ئۇلار خەلقنىڭ ئۈمىدىنى يەردە قويماي، بۇرچىنى ئادا قىلىپ، قىزىل ئارمىيەنىڭ ئېسىل ئەنئەنىسى ئارقىلىق ئوقۇتقۇچى-كۇرسانتلارغا تەسىر كۆرسىتىپ ۋە تۈرتكە بولۇپ، قۇرغۇچىلار بىلەن ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىپ، جاپاغا چىداپ ئىگىلىك تىكلەپ، كۆپلىگەن نەتىجىلەرنى يارىتىپ، قىسقىغىنە ئۈچ يىل ئىچىدە «شەرقىي شىمال كونا ئاۋىياتسىيە مەكتىپى»دە 560 ئاۋىئاتسىيە ئىختىساسلىقلىرىنى يېتىشتۈرۈپ چىقىپ، خەلق ھاۋا ئارمىيەسىنىڭ قۇرۇلۇشى، جۇمھۇرىيەت ئاۋىياتسىيە ئىشلىرى ئۈچۈن زور تۆھپە قوشتى.

  1949-يىلى 11-ئاينىڭ 11-كۈنى، خەلق ھاۋا ئارمىيەسى رەسمىي قۇرۇلدى، شىنجاڭ ئاۋىياتسىيە ئەترىتىدىن چىققان پېشقەدەم قىزىل ئارمىيە جەڭچىلىرى ھاۋا ئارمىيە قۇرۇلۇشى تايانچلىرى بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئارقا-ئارقىدىن ھەر دەرىجىلىك رەھبەرلىك ئورنىغا چىقىپ، قىسىملارنى يېتەكلەپ، ئامېرىكا جاھانگىرلىكىگە قارشى تۇرۇپ، چاۋشيەنگە ياردەم بېرىش، دۆلەت زېمىنى ھاۋا مۇداپىئە جېڭى ۋە ۋەتەن ھاۋا بوشلۇقىنى قوغداش داۋامىدا نۇرغۇن تۆھپە ياراتتى. بۈگۈنكى كۈندە، خەلق ھاۋا ئارمىيەسى دۇنيانىڭ تىنچلىقىنى قوغداشتىكى مۇھىم كۈچ بولۇپ قالدى.

  سۆھبەت يىغىنىدا، يىغىنغا قاتناشقان يولداشلار ئۇزۇن سەپەر روھى ۋە قىزىل ئارمىيە ئەنئەنىسى خەلق ھاۋا ئارمىيەسىنىڭ ئارمىيە روھىنى بەرپا قىلدى، قىزىل گېننى ئەۋلادمۇ ئەۋلاد داۋاملاشتۇرۇش كېرەك؛ سان-ساناقسىز قەھرىمانلار ۋەتەن ئۈچۈن جان پىدا قىلىپ خالىسانە تۆھپە قوشتى، كېيىنكىلەر مەڭگۈ ئەستە ساقلىشى لازىم، دەپ قارىدى. ئۇلار ئالدىنقىلارنىڭ ئۇلۇغ تۆھپىلىرىنى بىرلىكتە ئەسلەپ، ئىنقىلابىي قۇربانلارغا كوللېكتىپ تەزىيە بىلدۈردى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى

【1】 【2】 【3】 【4】 【5】 【6】 

ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

 سۈرەتلەر

  •  تەۋسىيە

    ·فرانسىيە ھۆكۈمەت قارىمىقىدىكى ئۈچ ئۇنىۋېرسىتېت شىنجاڭدىن ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىدۇ
    ·ئەردوغان ئارمىيەنى ئۆزگەرتىپ تەشكىللىمەكچى بولۇۋاتىدۇ
    ·ئىچكىرى ئۆلكىلەردىكى شىنجاڭ تولۇق ئوتتۇرا سىنىپلىرىغا قوبۇل قىلىنغان - قىلىنمىغانلىقىڭىزنى 7 - ئاۋغ…
    ·ئالىي مەكتەپلەرنىڭ جىددىي باياناتى: قوبۇل قىلىش ئۇقتۇرۇشىدا سودا ئېلانى قىستۇرۇلمايدۇ
    ·ئەركىن تۇنىياز 2016–يىللىق ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش خىزمىتىنى كۆزدىن كەچۈردى
    ·يۇقىرى نومۇر ئەقىللىقلىقنىڭ ئىپادىسىمۇ؟
    ·مائارىپ مىنىستىرلىقى ھەقلىق دەرس تولۇقلاش ۋە سوۋغا-سالام قوبۇل قىلىش قىلمىشلىرىنى تىزگىنلەيدىكەن
    ·ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ تولۇق كۇرس 2 - تۈركۈمى بويىچە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش خىزمىتى باشلاندى
    ·«جىددىي ھالەت» ئاستىدا تۇنجى زۇڭتۇڭ بۇيرۇقى ئىمزالاندى
    ·مائارىپ مىنىستىرلىقى ھەقلىق دەرس تولۇقلاش ۋە سوۋغات قوبۇل قىلىش مەسىلىلىرىنى تىزگىنلەيدۇ