باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

مۇھەممەتجان راشىدىن شېئىرلىرى خەتتاتلىق ئەسەرلىرى كۆرگەزمىسى ئۆتكۈزۈلدى

2016.04.05 13:51         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 5-ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: (شىنجاڭ ئىقتىساد گېزىتى مۇخبىرى دىلشاد غوجائەھمەد) مىللىي مەدەنىيەت، سەنئەت بايلىقىغا تويۇنغان«ئاق ئۆرۈك يۇرتى» غۇلجا ناھىيەسىدە زامانىۋى مەدەنىيەتنى يېتەكچى قىلغان، ئەنئەنىۋى مەدەنىيەتنى جۇلالاندۇرغان، بۈگۈنكى زامان ئۇيغۇر شېئىرىيىتىنىڭ تۆھپىكار ئۇستازى، ئاتاقلىق خەلق شائىرى مۇھەممەتجان راشىدىننىڭ شېئىرلىرى مەزمۇن قىلىنغان «ئەلقايناق لوڭقىسى» مۇھەممەتجان راشىدىن شېئىرلىرى خەتتاتلىق ئەسەرلەر كۆرگەزمىسى 4-ئاينىڭ 4-كۈنى غۇلجا ناھىيەلىك مەدەنىيەت پائالىيىتى مەركىزىدە ئۆتكۈزۈلدى.

  بۇ قېتىمقى كۆرگەزمىگە قويۇلغان ئەسەرلەر شائىر مۇھەممەتجان راشىدىننىڭ شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى نەشىر قىلغان « ياخشىلارغا ناخشىلار تولا» قاتارلىق بىر يۈرۈش شېئىرلار توپلىمى ئىچىدىن ۋەتەنپەرۋەرلىك، ئانا يۇرتنى سۈيۈش ھەم گۈللەندۈرۈش، مۇھەببەتنى قەدىرلەش، قېرىنداشلار بىلەن ئىناق ئۆتۈش، گۈزەل ئەخلاق ۋە ئىلىم مەرىپەت ئاساسىي تېما قىلىنغان 150 پارچىدىن ئارتۇق ئەسەر ئىچىدىن تاللانغان بولۇپ، ئاپتونۇم رايونىمىزنىڭ ئىلى، كورلا، تۇرپان، قۇمۇل، قاراماي قاتارلىق ھەر قايسى ئوبلاست، شەھەرلىرىدىكى 13 خەتتاتلار جەمئىيىتىنىڭ تەشكىللىشىدە يېزىپ چىقىلغان.

  ئەسەرلەر ئاساسەن تەئلىق خەت نۇسخىسى، سۇلۇمد خەت نۇسخىسى، رۇقئى خەت نۇسخسى، كۇفى خەت نۇسخىسى، دىۋانى خەت نۇسخىسى قاتارلىق خەت نۇسخىلىرىدىن تەركىپ تاپقان. كۆرگەزمىگە ئاپتونۇم رايون تەۋەسىدىكى بارلىق خەتتاتلارنىڭ ئەسەرلىرى ئاساسەن تولۇق قويۇلغان.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر