باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

بۇ يىل شىنجاڭدىكى 10 ئادەتتىكى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ رايون ئاتلاپ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىدۇ

2016.04.01 17:35         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 1- ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مۇخبىرنىڭ ئاپتونۇم رايونلۇق مائارىپ نازارىتىدىن ئىگىلىشىچە، 2016-يىلى ئاپتونۇم رايونىمىزدىكى 10 ئادەتتىكى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ رايون ئاتلاپ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىدىكەن.

  بۇ 10 مەكتەپ ئايرىم-ئايرىم: شىنجاڭ تەجرىبە ئوتتۇرا مەكتىپى، شىنجاڭ 1-ئاۋغۇست ئوتتۇرا مەكتىپى، شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى شۆبە ئوتتۇرا مەكتىپى، شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك ئۇنىۋېرسىتېتى شۆبە ئوتتۇرا مەكتىپى، شىنجاڭ پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتى شۆبە ئوتتۇرا مەكتىپى، ئۈرۈمچى شەھەرلىك 70-ئوتتۇرا مەكتەپ، ئۈرۈمچى شەھەرلىك تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ، ئۈرۈمچى شەھەرلىك 23-ئوتتۇرا مەكتەپ، ئۈرۈمچى شەھەرلىك 101-ئوتتۇرا مەكتەپ ۋە ئۈرۈمچى شەھەرلىك 12-ئوتتۇرا مەكتەپلەر ئىكەن.

  ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتى مۇنۇلارنى تەلەپ قىلدى: ھەرقايسى (ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلىك) مائارىپ ئىدارىلىرى ئاپتونوم رايون تەستىقلىغان رايون ئاتلاپ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش پىلانىنى شۇ جاينىڭ ئادەتتىكى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش پىلانىغا، شۇ جايدىكى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپكە ئۆرلەش ئىمتىھانىنىڭ بىرىنچى تۈركۈمدە ئارزۇ تولدۇرۇش تەرتىپى ۋە « ئوتتۇرا مەكتەپ ئىمتىھانى ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش قوللانمىسى »غا كىرگۈزىدۇ؛ ئارزۇ تاللاشتا ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆز ئالدىغا تاللاش ھوقۇقىغا تولۇق ھۆرمەت قىلىنىدۇ، ئىمتىھان بەرگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ رايون ئاتلاپ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىدىغان مەكتەپلەرگە تىزىملىتىشىغا چەك قويۇشقا يول قويۇلمايدۇ؛ شۇنىڭ بىلەن بىللە، رايون ئاتلاپ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىدىغان مەكتەپلەر چوقۇم پىلان بويىچە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشى لازىم، پىلاندىن ئاشۇرۇۋېتىشكە بولمايدۇ؛ بارلىق قوبۇل قىلىنغان ئوقۇغۇچىلار ئىسىملىكىنى 8- ئاينىڭ 22 - كۈنىدىن بۇرۇن ئاپتونۇم رايونلۇق مائارىپ نازارىتىگە ئەنگە ئالدۇرۇش كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر