باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

مائارىپ مىنىستىرلىقى: 2016-يىلى نۇقتىلىق ئالىي مەكتەپلەرنىڭ يېزا ۋە نامرات رايونلاردىن ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش كۆلىمى يەنىمۇ كېڭەيتىلىدۇ، دېدى

2016.04.01 13:03         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 1-ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مائارىپ مىنىستىرلىقى 31-مارت ئۇقتۇرۇش ئېلان قىلىپ، 2016-يىللىق نۇقتىلىق ئالىي مەكتەپلەرنىڭ يېزا ۋە نامرات رايونلاردىن ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش خىزمىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئورۇنلاشتۇرۇپ، دۆلەتنىڭ مەخسۇس پىلان بويىچە نامرات رايونلاردىن نىشانلىق قوبۇل قىلىدىغان ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ 2015-يىلىدىكى 50 مىڭ كىشىدىن 60 مىڭ كىشىگە كۆپەيتىلگەنلىكىنى ئايدىڭلاشتۇردى.

  «ئۇقتۇرۇش»تا مۇنداق دېيىلدى: دۆلەتنىڭ 2016-يىلى مەخسۇس پىلان بويىچە نامرات رايونلاردىن نىشانلىق ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش كۆلىمى 60 مىڭ كىشى قىلىپ بېكىتىلىپ، 2015-يىلىغا قارىغاندا 10 مىڭ كىشى كۆپەيتىلدى. يەرلىك مەخسۇس پىلان بويىچە ھەر قايسى ئۆلكە (ئاپتونوم رايون، شەھەر)لەردىكى يېزا ئوقۇغۇچىلىرىنى نىشانلىق قوبۇل قىلغاندا، ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش پىلانىنى ئورۇنلاشتۇرۇش پىرىنسىپى ئاساسىدا جايلاردىكى ئۆلكە قارىمىقىدىكى نۇقتىلىق ئالىي مەكتەپلەرنىڭ تولۇق كۇرسقا يىلدا قوبۇل قىلىدىغان ئوقۇغۇچىلار كۆلىمىنىڭ ٪3ىدىن تۆۋەن بولمايدۇ، يولغا قويۇش رايونى، ئىمتىھانغا تىزىملىتىش شەرتى ۋە قوبۇل قىلىش ئۇسۇلىنى ھەر قايسى جايلار ئۆزلىرى بېكىتىدۇ، يولغا قويۇلىدىغان رايونلارنىڭ مىللىي ئاپتونومىيە ناھىيەلىرىدە ئومۇميۈزلۈك قاپلاشنى ئىشقا ئاشۇرۇشى تەلەپ قىلىنىدۇ. ئالىي مەكتەپلەرنىڭ مەخسۇس پىلانىدا ئاساسلىقى چەت-يىراق، نامرات، مىللىي قاتارلىق رايونلاردىكى ناھىيە (ناھىيە دەرىجىلىك شەھەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ)دىن تۆۋەن يېزىلاردىكى ئوقۇغۇچىلار قوبۇل قىلىنىدۇ، بۇنى مائارىپ مىنىستىرلىقى قارىمىقىدىكى ئالىي مەكتەپلەر ۋە ئۆز ئالدىغا ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشنى نۇقتىدا سىناق قىلىدىغان باشقا ئالىي مەكتەپلەر ئۈستىگە ئالىدۇ، ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش پىلانى ئورۇنلاشتۇرۇشى مۇناسىۋەتلىك ئالىي مەكتەپلەرنىڭ تولۇق كۇرسقا يىلدا قوبۇل قىلىدىغان ئوقۇغۇچىلار كۆلىمىنىڭ ٪2ىدىن تۆۋەن بولمايدۇ.(شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر