باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئەلى بابا يەر شارىدىكى ئەڭ چوڭ پارچە سېتىش سىستېمىسىغا ئايلاندى

2016.04.07 15:08         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 7-ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مۇخبىرنىڭ 6-ئاپرېل ئەلى بابا گۇرۇھىدىن ئىگىلىشىچە، 2016-يىلى 31-ئاپرېل مالىيە خامچوت يىلى ئاخىرىغىچە، بۇ گۇرۇھنىڭ جۇڭگودىكى پارچە سېتىش سودا ئومۇمىي سوممىسى (GMV)بارلىق پارچە سېتىش سودا گۇرۇھىدىن ئېشىپ، يەر شارىدىكى ئەڭ چوڭ پارچە سېتىش سىستېمىسىغا ئايلانغان.ئەلى بابا گۇرۇھىنىڭ سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، 2016-يىلى 21-مارت سائەت 14دىن 58 مىنۇت 37 سېكىنۇت كۆتكەندە، ئەلى بابا گۇرۇھىنىڭ سودا ئومۇمىي سوممىسى 3 تىرىليون يۈەن خەلق پۇلى (تەخمىنەن 475 مىليارد 890 مىليون دوللار) بولغان بولۇپ ۋولما، خاۋشىدو ۋە كەررىفور قاتارلىق يەر شارىدىكى پارچە سېتىش سودا گۇرۇھلىرىدىن ئېشىپ كەتكەن.

  ئەلى بابا گۇرۇھىنىڭ كېيىنكى نىشانى بولسا، 2020-يىلىدىكى مالىيە يىلىدا، سودا سوممىسىنى 6 تىرىليون يۈەن خەلق پۇلىغا يەتكۈزۈش ئىكەن. بۇ گۇرۇھىنىڭ باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى جاڭ يۇڭ مۇنداق دېدى: كەلگۈسىدە ئەلى بابا گۇرۇھى ئېلېكتىرونلۇق سودا، ئەشيا ئوبوروتى ۋە بۇلۇت ھېسابلاش قاتارلىق ئۇل ئەسلىھەلەرنى قۇرۇپ، داۋاملىق يېزىلارغا، يەر شارىغا يۈزلىنىپ، تېخىمۇ كۆپ ئىستېمالچىلارنى ئەلا سۈپەتلىك ئىستېمال قىلىش تەجرىبىلىرى بىلەن تەمىنلەيدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر