باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئاپتونوم رايونىمىزدا 10 كۆزىتىش گۇرۇپپىسى يەتتە ئوبلاست، شەھەرگە چوڭقۇر چۆكۈپ 25 ناھىيە، (شەھەر) رايوندا خىزمەتلەرگە يېتەكچىلىك قىلىپ تەكشۈردى

2016.04.07 15:10         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 7-ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، مەمۇرىي تەپتىش مىنىستىرلىقى تور بېكىتىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ بىر تۇتاش ئورۇنلاشتۇرۇشى بويىچە، 31-مارتتىن باشلاپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومىنىڭ 10 كۆزىتىش گۇرۇپپىسى بىر ئاي ۋاقىت ئىچىدە ئىلى ئوبلاستى، قاراماي شەھىرى، ئۈرۈمچى شەھىرى، ئاقسۇ ۋىلايىتى، قىزىلسۇ ئوبلاستى، قەشقەر ۋىلايىتى، خوتەن ۋىلايىتى قاتارلىق يەتتە ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەرگە چوڭقۇر چۆكۈپ غۇلجا شەھىرى، كۈنەس ناھىيەسى، قورغاس شەھىرى، مايتاغ رايونى، تەڭرىتاغ رايونى، بۇلاقتاغ رايونى، سايباغ رايونى، كۇچا ناھىيەسى، شايار ناھىيەسى، باي ناھىيەسى، ئونسۇ ناھىيەسى، ئۇچتۇرپان ناھىيەسى، ئاقچى ناھىيەسى، پەيزاۋات ناھىيەسى، مارالبېشى ناھىيەسى، يوپۇرغا ناھىيەسى، يېڭىسار ناھىيەسى، پوسكام ناھىيەسى، قاغىلىق ناھىيەسى، مەكىت ناھىيەسى، تاشقورغان ناھىيەسى، قاراقاش ناھىيەسى، لوپ ناھىيەسى، چىرا ناھىيەسى، گۇما ناھىيەسى قاتارلىق 25 ناھىيە، شەھەر، رايونلاردىكى كۆزىتىش گۇرۇپپىسىنى يېتەكلەپ كۆزىتىش خىزمىتىنى قانات يايدۇرغان.

  ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەكشۈرۈش خىزمىتى نىزامىغا ئاساسەن، رايون بويىچە كۆزىتىش تۈزۈمى ئورنىتىپ ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەر، ناھىيە، شەھەرلەردە كۆزىتىش خىزمىتىنى قانات يايدۇردى. كۆزىتىشتە تەكشۈرۈش خىزمەت تەجرىبىلىرىدىن تولۇق ئۆرنەك ئېلىپ ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەر، ناھىيە، شەھەر، رايونلارنىڭ پارتكوم پارتىيەنى باشقۇرۇش، پارتىيەنى ئىدارە قىلىش، پارتىيە قۇرۇلۇشى سىياسىي مەسئۇلىيىتىنى كۈچەيتىش ئەھۋالىنى كۆزىتىپ، ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرى، پارتىيە ئەزالىرى ۋە كادىرلارنى نازارەت قىلىشنى كۈچەيتتى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر