سۈرەتتە: 6-ئاپرېل، شىنجاڭ كۆمۈرلۈك ئوت ئۆچۈرۈش قۇرۇلۇشى ئىدارىسى بىرىنچى ئەترەت ماشىنا ئەترىتىنىڭ يېتەكچىسى مو شىنۋېن 130 نەچچە مېتىر چوڭقۇرلۇقتىكى كۆيۈۋاتقان كۆمۈرلۈكنى كۆزەتمەكتە.
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 7-ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 2015-يىلى 4-ئاي، ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ قىبلىتاغدا « يانار تاغ ئېغىزى» پەيدا بولدى، دېگەن خەۋەر شەھەر ئاھالىلىرىنىڭ قىزغىن تېمىسىغا ئايلىنىپ، ئەتراپتىكى ئامما ئىچىدە ۋەھىمە پەيدا قىلدى. گوۋۇيۈەن ئۈرۈمچى داچۈەنخۇ كۆمۈرلۈك ئوت رايونىنى « ئاپتونوم رايونلۇق كۆمۈرلۈك ئوت رايونىنى تىزگىنلەش يىرىك پىلانى (2016-2025يىلى)» ئىچىدىكى دۆلەتنىڭ سەككىز چوڭ نۇقتىلىق ئوت ئۆچۈرۈش رايونىنىڭ بىرى قىلىپ، تەستىقلاش پىلانىغا كىرگۈزگەن. بۇ ئوت رايونىنىڭ كۆلىمى 310 مىڭ كىۋادرات مېتىر بولۇپ، ھەر يىلى كۆيۈۋاتقان كۆمۈر بايلىق زاپىسى تەخمىنەن 217 مىڭ توننا، تەھدىتكە ئۇچرىغان كۆمۈر زاپىسى 11 مىليون 280 مىڭ توننا ئىكەن.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى