يۈ ياڭ بىلەن تاڭ يۈەنتىڭ چېمپىيون بولدى
2016.04.11 15:11 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
2016-يىللىق مالايشىيا پەي توپ ئاشكارا مۇسابىقىسىدە 10- ئاپرېل ھەر قايسى يەككە تۈرلەرنىڭ چېمپىيونلىرى بارلىققا كەلدى. جۇڭگو كوماندىسى ئەرلەرنىڭ تاق ۋە جۈپ ئويناش تۈرىدە يېڭىلىپ قالدى، پەقەت ئاياللارنىڭ جۈپ ئويناش تۈرىدىلا چېمپىيون بولدى. ئاياللارنىڭ جۈپ ئويناش مۇسابىقىسىدە 5- نومۇرلۇق ماھىر يۈ ياڭ بىلەن تاڭ يۈەنتىڭ كورېيەلىك ماھىر جۇڭ يۇڭھۇن ۋە شىن شېڭچان بىلەن مۇسابىقىلەشتى. ئىككىيلەن ئانچە قىينالمايلا رەقىبىنى 11 گە قارشى 21 ۋە 17 گە قارشى 21 لىك نەتىجە بىلەن غەلىبە قىلدى.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر