باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ھىندىستاندىكى ئوت ئاپتىدە قازا قىلغانلارنىڭ سانى 110 كىشىگە يەتتى

2016.04.11 15:08         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  كېرالا ئىشتاتىنىڭ كېرالام رايونىدىكى ھىندى دىنىنىڭ بىر بۇتخانىسىدا 10-ئاپرېل ئەتىگەندە ئوت ئاپىتى يۈز بېرىپ ئاز دېگەندە 110 كىشى قازا قىلدى، ئۇندىن باشقا 390 كىشى يارىلاندى. ھىندىستان زۇڭلىسى مودى شۇ كۈنى چۈشتىن كېيىن ئوت ئاپىتى يۈز بەرگەن بۇتخانىغا بېرىپ كۆزدىن كەچۈردى، ھەمدە نەق مەيداندا قۇتقۇزۇش ئىشلىرىغا قوماندانلىق قىلدى.

  مودى ئوت ئاپىتى يۈز بەرگەن جاينى كۆزدىن كەچۈرگەندىن كېيىن، دوختۇرخانىغا بېرىپ ۋەقەدە يارىدار بولغان ئاممىنى يوقلىدى. ئۇ ئارمىيە بىلەن ھۆكۈمەت تارماقلىرىنىڭ قۇتقۇزۇش ئىشلىرىنى پۈتۈن كۈچى بىلەن قانات يايدۇرۇپ، يوقاپ كەتكەنلەرنى ئىزدىشى توغرىسىدا يوليورۇق بەردى ھەمدە ھەر بىر قازا قىلغۇچىنىڭ ئائىلىسىدىكىلەرگە 200 مىڭ رۇپىيە يەنى تەخمىنەن 2 مىڭ 900 ئامېرىكا دوللىرى بېرىدىغانلىقىنى جاكارلىدى.

  نۆۋەتتە، نەق مەيداننى تازىلاش خىزمىتى يەنىلا ئېلىپ بېرىلماقتا، بىر قىسىم كىشىلەر يەنە بۇتخانا ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى ئۆرۈلۈپ چۈشكەن ئۆيلەرنىڭ ئاستىغا كۆمۈلۈپ قالغان بولۇپ، قازا قىلغانلارنىڭ سانى يەنە داۋاملىق كۆپەيمەكتە.

  ھىندىستان ئارمىيەسى تىك ئۇچار ۋە ھەربىي پاراخوت چىقىرىپ قۇتقۇزۇش ئىشلىرىغا ياردەملەشكەن، ھەر قايسى دوختۇرخانىلار ئاپەت رايونىدا يارىدار بولغانلارنى قۇتقۇزۇش ئىشلىرىغا قاتناشتۇرۇش ئۈچۈن ئارقا ئارقىدىن تىببىي خادىملارنى ئەۋەتكەن. بىر قىسىم جايلاردىكى دوختۇرخانىلار ئاممىنى قان تەقدىم قىلىشقا تەشكىللىگەن.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر