باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

شۆھرەت زاكىر شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مىللەتلەر تىل – يېزىق خىزمىتى كومىتېتىدا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى

«ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ تىل – يېزىق، تەرجىمە خىزمىتىنى كۈچەيتىش»نى جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك

2016.04.11 13:48         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 11- ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئاپتونوم رايونلۇق «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى – تەرەققىياتى يىلى» پائالىيىتىدىكى زور تەدبىر – ئورۇنلاشتۇرمىلارنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ تىل – يېزىق ۋە تەرجىمە خىزمىتىنى ھەقىقىي كۈچەيتىش ئۈچۈن، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى شۆھرەت زاكىر 8 – ئاپرېل ئاپتونوم رايونلۇق مىللەتلەر تىل – يېزىق خىزمىتى كومىتېتى (تەرجىمە ئىدارىسى)غا بېرىپ، خىزمەتلەرنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى. شۆھرەت زاكىر مۇنداق دېدى: يېڭى ۋەزىيەتتىكى ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ تىل – يېزىق، تەرجىمە خىزمىتىنىڭ مۇھىملىقىنى چوڭقۇر تونۇپ، ‹‹ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ تىل – يېزىق، تەرجىمە خىزمىتىنى كۈچەيتىش››نى شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى ئىشقا ئاشۇرۇش خىزمىتى ئومۇمىيىتى دائىرىسىگە كىرگۈزۈپ ئىلگىرى سۈرۈش؛ ‹‹ھەر مىللەت ئورتاق ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىش، ئورتاق گۈللىنىپ تەرەققىي قىلىش›› نىشان – ۋەزىپىسى دائىرىسىگە كىرگۈزۈپ چىڭ تۇتۇش؛ ‹‹مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى – تەرەققىياتى يىلى›› پائالىيىتىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى مۇھىم تەدبىر سۈپىتىدە ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك.

  شۆھرەت زاكىر ئاپتونوم رايونلۇق مىللەتلەر تىل – يېزىق خىزمىتى كومىتېتى، مائارىپ نازارىتىنىڭ مىللەتلەر تىل – يېزىق ۋە تەرجىمە خىزمىتى، شۇنداقلا تەرجىمانلارنى يېتىشتۈرۈش قاتارلىق خىزمەتلەر توغرىسىدىكى دوكلاتىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، مۇنداق دېدى: ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم يېڭى ۋەزىيەتتە، ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ تىل – يېزىق، تەرجىمە خىزمىتىنى كۈچەيتىشنى ئىنتايىن مۇھىم ئورۇنغا قويدى. ئاپتونوم رايون بۇ يىل ‹‹مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى – تەرەققىياتى يىلى›› پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇشنى قارار قىلىپ، گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى ھەل قىلىدىغان بىر يۈرۈش مۇھىم تەدبىرلەرنى بېكىتىپ، ‹‹ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ تىل – يېزىق، تەرجىمە خىزمىتىنى كۈچەيتىش››نى مۇھىم تەدبىرلەرنىڭ بىرى قىلدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ خىزمەت ئورۇنلاشتۇرمىسى بويىچە، بۇ خىزمەتنىڭ ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈشىنى چىڭ تۇتۇپ ئىشلەپ، جايىدا ئەمەلىيلىشىشىگە كاپالەتلىك قىلىپ، ئەمەلىي ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈرۈش كېرەك.

  شۆھرەت زاكىر مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ‹‹ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ تىل – يېزىق، تەرجىمە خىزمىتىنى كۈچەيتىش›› بىر خىل سىستېما قۇرۇلۇشى، ئۇ تارماقلار، ئىدارىلەرنىڭ ئورتاق تىرىشىپ بىرىكمە كۈچ شەكىللەندۈرۈشىنى تەلەپ قىلىدۇ. ئاپتونوم رايونلۇق مىللەتلەر تىل – يېزىق خىزمىتى كومىتېتى خىزمەتلەرنى ئۇنىۋېرسال ماسلاشتۇرۇش فۇنكسىيەسىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، تېگى – تەكتىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، مەسىلىلەرنى رەتلەپ چىقىپ، بىر تۇتاش پىلانلاپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە ھەيدەكچىلىك قىلىشى كېرەك. ئالاقىدار تارماقلار زىچ ماسلىشىپ، تەشەببۇسكار بولۇپ، يولغا قويۇش كونكرېت لايىھەسىنى تۈزۈپ ۋە ئەمەلىيلەشتۇرۇشى كېرەك.

  ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ ‹‹مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى – تەرەققىياتى يىلى›› پائالىيىتى توغرىسىدىكى ئورۇنلاشتۇرۇش ۋە كونكرېت تەلەپلەرنى كەڭ تەشۋىق قىلىپ، ئاممىنىڭ ئالاقىدار سىياسەتلەردىن خەۋەردار بولۇش نىسبىتىنى ئاشۇرۇپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى – تەرەققىياتىنى ئورتاق ئىلگىرى سۈرىدىغان ئىجتىمائىي كەيپىيات يارىتىشى كېرەك.

  ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرىدىن ئەركىن تۇنىياز، جارۇللا ھېسامىدىن تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشتا بىللە بولدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر