باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئاپتونوم رايونىمىز تەمىنات - سودا كوپىراتىپلىرىنىڭ ئۇنىۋېرسال ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى يولغا قويۇش پىكرىنى ئېلان قىلدى

دېھقانلارغا مۇلازىمەت قىلىدىغان ئۇنىۋېرسال سۇپا بەرپا قىلىنىدۇ

2016.04.11 13:53         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 11- ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مۇخبىرنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق تەمىنات - سودا كوپىراتىپىدىن ئىگىلىشىچە، يېقىندا ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتى «تەمىنات - سودا كوپىراتىپلىرىنىڭ ئۇنىۋېرسال ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش توغرىسىدا يولغا قويۇش پىكرى» (تۆۋەندە «پىكىر» دەپ ئېلىندى)نى ئېلان قىلىپ، 2020 - يىلىغا بارغاندا ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ تەمىنات - سودا كوپىراتىپى سىستېمىسىنى دېھقانلار بىلەن تېخىمۇ زىچ باغلاپ، دېھقانلارغا مۇلازىمەت قىلىش ئىقتىدارى تېخىمۇ مۇكەممەل بولغان، بازارلىشىشى تېخىمۇ ئۈنۈملۈك بولغان ھەمكارلىق ئىقتىسادىي تەشكىلات سىستېمىسى قىلىپ قۇرۇپ چىقىپ، دېھقانلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇشى ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىدىغان ئاۋانگارت قوشۇن ۋە ئۇنىۋېرسال سۇپا بەرپا قىلىدىكەن.

  «پىكىر» ئالتە قىسىمغا بۆلۈنگەن بولۇپ، جەمئىي 23 ماددا ئىكەن. «پىكىر»دە مۇنداق دېيىلىدۇ: ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ «يېزا، يېزا ئىگىلىكى، دېھقانلار» خىزمىتى ئومۇمىيىتىنى زىچ چۆرىدەپ، دېھقانلارنىڭ مەنپەئىتى بىلەن زىچ باغلاشنى يادرو قىلىپ، دېھقانلارغا مۇلازىمەت قىلىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشنى ئاساس قىلىپ، ئاساسىي قاتلامدىكى كوپىراتىپلارنى كۈچەيتىش ۋە يېڭى ھەمكارلىق كوپىراتىپىنى باشقۇرۇش مېخانىزمىدا يېڭىلىق يارىتىشنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ، مەمۇرىيەت بىلەن كەسپىي ئورۇنلارنى ئايرىش، ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار بىلەن كارخانىلارنى ئايرىش يۆنىلىشىگە ئاساسەن، ئۆز جايىنىڭ ئەھۋالىغا قاراپ ئىش كۆرۈش ئاساسىدا تۈزۈلمە، مېخانىزمدا يېڭىلىق يارىتىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق كەسپىنى زامانىۋىلاشتۇرۇش ئېھتىياجىغا، شەھەر بىلەن يېزىنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش ئېھتىياجىغا، يېزىلارنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىيات ۋە ئىجتىمائىي مۇقىملىق ئېھتىياجىغا ئۇيغۇن كېلىدىغان تەشكىلات سىستېمىسى بىلەن سودا مۇلازىمەت تورىنى قۇرۇپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ تەمىنات - سودا ھەمكارلىق كەسپىدىكى يېڭى ۋەزىيەتنى ئېچىش كېرەك.

  «پىكىر» دە ئاپتونوم رايونىمىز تەمىنات - سودا كوپىراتىپلىرىنى ئۇنىۋېرسال ئىسلاھ قىلىش ۋەزىپىسىنىڭ «تۆت مۇھىم نۇقتىسى» ئايدىڭلاشتۇرۇلدى. بىرىنچىدىن، تەمىنات - سودا كوپىراتىپلىرىنىڭ سودا مۇلازىمەت ساھەسىنى كېڭەيتىش. يەنى يېزا ئىگىلىكىدە ئىجتىمائىيلاشقان مۇلازىمەت سىستېمىسىنى بەرپا قىلىپ، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ ئوبوروت مۇلازىمەت ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، يېزىلارنىڭ ئېلېكتىرونلۇق سودا ئىشلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، شەھەر، يېزا، مەھەللە ئۇنىۋېرسال مۇلازىمەت سۇپىسىنى بەرپا قىلىپ، يېزا ھەمكارلىق پۇل مۇئامىلە مۇلازىمىتىنى قانات يايدۇرۇش. ئىككىنچىدىن، ئاساسىي قاتلام تەشكىلاتلىرىنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش. يەنى ئاساسىي قاتلام تەشكىلاتلىرىنىڭ ئىقتىسادىي ھەمكارلىق خاراكتېرىنى كۈچەيتىپ، ئاساسىي قاتلام كوپىراتىپلىرىنى تۈرگە ئايرىپ ئۆزگەرتىشنى تېزلىتىپ، دېھقانلار ھەمكارلىق كوپىراتىپىنى قۇرۇشقا يېتەكلەپ، يېڭى تىپتىكى ئاساسىي قاتلام تەشكىلاتلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش. ئۈچىنچىدىن، ھەمكارلىق كوپىراتىپلىرىنىڭ قوش يۆنىلىشلىك يۈرۈشۈش مېخانىزمىنى بەرپا قىلىش. يەنى كەسىپكە يېتەكچىلىك قىلىش سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، بىرلەشمە كوپىراتىپلارنى باشقۇرۇش قۇرۇلمىسىنى ياخشىلاپ، ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار بىلەن كارخانىلارنىڭ مۇناسىۋىتىنى راۋانلاشتۇرۇپ، ئىجتىمائىي تەشكىلاتلاردىكى كارخانىلارنىڭ ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ بىرلىشىش، ھەمكارلىشىشنى ئىلگىرى سۈرۈش. تۆتىنچىدىن، تەمىنات - سودا كوپىراتىپىنىڭ تەرەققىيات مۇھىتىنى ئەلالاشتۇرۇش. يەنى ئىختىساسلىقلار قوشۇنى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، سىياسەت جەھەتتىن قوللاش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، تارىختىن قېپقالغان مەسىلىلەرنى ياخشى ھەل قىلىش كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر