باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ئامېرىكا بىلەن روسىيەنىڭ ياۋروپادىكى ھەربىي ئىشلار كۈچ سىنىشىشى ئەۋجىگە چىقماقتا

2016.04.08 17:06         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 8-ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئامېرىكا «ۋال كوچىسى گېزىتى» يېقىندا، ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىيە مىنىستىرلىقىنىڭ لىتۋانىيە، ئىستونىيە قاتارلىق دۆلەتلەردە ئورۇنلاشتۇرۇلغان ھەربىي قىسىم ۋە قوراللارنى كۆپەيدىغانلىقىنى بىلدۈرگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى. بۇ 4500 ھەربىي ۋە 250 تانكىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىيە مىنىستىرلىقىنىڭ ئاخبارات ئۇقتۇرۇشىدا، روسىيەنىڭ شەرقىي ياۋروپا ۋە باشقا رايونلاردىكى «ھۇجۇم قىلىش خاراكتېرلىك» ھەرىكىتىگە قارىتا، بىز شىمالدىكى ئىتتىپاقداشلىرىمىز ۋە ھەمراھلىرىمىزغا بىزنىڭ كۈچلۈك ھەم تەڭپۇڭ بولغان ئورۇنلاشتۇرمىلىرىمىزنى نامايان قىلماقچى، دېيىلدى. روسىيە تەرەپ ئىپادە بىلدۈرۈپ، شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ ئاساسسىز ھالدا ھەربىي مەۋجۇدلۇقنى كۈچەيتىشىگە ئىنكاس قايتۇرۇش ئۈچۈن، روسىيە تەرەپ ئىزچىل ھالدا روسىيە زۆرۈر دەپ قارىغان ھەربىي ئىشلار چارىلىرىنى ئىجرا قىلىپ كەلمەكتە، روسىيە ئۆزى ئۇچرىغان ھەربىي تەھتىدكە بولغان باھالاش نەتىجىسىگە ئاساسەن، ئورۇنلاشتۇرۇشنى تەڭشەيدۇ، دېدى. ئانالىزچىلار، ئامېرىكا-روسىيەنىڭ ياۋروپادىكى ھەربىي ئىشلار كۈچ سىنىشىشى ئەۋجىگە چىقماقتا، دەپ قارىدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر