باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

مەركەز مالىيەسى 5 مىليون 900 مىڭ يۈەن مەخسۇس مەبلەغ ئاجرىتىپ، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئىجتىمائىي تەشكىلاتلارنىڭ ئىجتىمائىي مۇلازىمەتچىلىكنى يولغا قويۇشىغا مەدەت بەردى

2016.04.08 15:37         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 8- ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 6-ئاپرېل، مۇخبىرنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ئىشلىرى نازارىتىدىن ئىگىلىشىچە، مەركەز مالىيەسى ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئىجتىمائىي تەشكىلاتلارنىڭ ئىجتىمائىي مۇلازىمەتچىلىكنى يولغا قويۇشىغا مەدەت بېرىش ئۈچۈن، بۇ يىل 5 مىليون 900 مىڭ يۈەن مەخسۇس مەبلەغ ئورۇنلاشتۇرغان.

  ئىگىلىنىشىچە، مەركەزنىڭ «ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا دائىر بىرقانچە زور مەسىلە توغرىسىدىكى قارارى»دا كۆرسىتىلگەن ئىجتىمائىي تەشكىلاتلارنىڭ ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتۇش توغرىسىدىكى تەلەپنى ئىزچىللاشتۇرۇش ئۈچۈن، مەركەز مالىيەسى 2016 - يىللىق غەربىي رايونلاردىكى ئىجتىمائىي تەشكىلاتلارنىڭ ئىجتىمائىي مۇلازىمەت خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇشىغا ئىشلىتىش ئۈچۈن يەنە 200 مىليون يۈەن مەخسۇس تۈر مەبلىغى ئورۇنلاشتۇرغان بولۇپ، چېتىلىدىغان تۈرلەر ياشانغانلارغا ياردەم بېرىش مۇلازىمىتى، بالىلارغا غەمخورلۇق قىلىش مۇلازىمىتى، مېيپلار ياردەم مۇلازىمىتى، ئىجتىمائىي خىزمەت مۇلازىمىتى، ئىقتىدار قۇرۇلۇشى ۋە خادىملارنى تەربىيەلەش قاتارلىق بەش تۈرلۈك مەزمۇننى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن. ئالدىنقى مەزگىلدىكى تۈر ئىلتىماس قىلىش، تەستىقلاش قاتارلىق تەرتىپلەردىن كېيىن، ھازىر ئاپتونوم رايون بويىچە جەمئىي 19 تۈر تەستىقلانغان. بۇلار ئىچىدە تەرەققىيات ئۈلگە تۈرىدىن 14ى، ئىجتىمائىي مۇلازىمەت سىناق نۇقتىسى تۈرىدىن ئىككىسى، ئىجتىمائىي خىزمەت مۇلازىمىتى بويىچە ئۈلگە تۈرىدىن ئىككىسى، ئىجتىمائىي تەشكىلاتلارنىڭ خادىم تەربىيەلەش تۈرىدىن بىرى بار بولۇپ، ئومۇمىي مەبلەغ 8 مىليون 430 مىڭ يۈەنگە يەتكەن.

  ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ئىشلىرى نازارىتىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: بۇ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار قۇرۇلۇشى تەرەققىياتىغا ۋە مۇلازىمەتچىلىك ۋە باشقۇرۇشقا يۈكسەك ئەھمىيەت بەرگەنلىكىنى ئىپادىلەپ بەرگەن بولۇپ، ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار تۈزۈلمە ئىسلاھاتىدىكى زور بۆسۈش ھېسابلىنىدۇ. بۇنىڭدىن كېيىن، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئىجتىمائىي تەشكىلاتلارنى تىزىملاپ باشقۇرغۇچى ئورگانلار بۇنى پۇرسەت بىلىپ، سېلىنمىنى پائال قولغا كەلتۈرۈپ، شۇ دەرىجىلىك ھۆكۈمەتنىڭ فۇنكسىيەسىنى يۆتكىشىنى يەنىمۇ ئىلگىرى سۈرۈپ، بىر قىسىم جامائەت پاراۋانلىقى خاراكتېرلىك، مۇلازىمەت خاراكتېرلىك، ئىجتىمائىي خاراكتېرلىك جامائەت مۇلازىمىتىدە فۇنكسىيەلىك ئورۇنغا ھوقۇق بېرىش، ھاۋالە قىلىش ئۇسۇلى ئارقىلىق شەرتنى ھازىرلىغان ئىجتىمائىي تەشكىلاتلارنى ئۆتكۈزۈپ بېرىشى لازىم.

  ئىگىلىنىشىچە، ئاپتونوم رايونلۇق ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار خىزمىتى كومىتېتى ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ئىشلىرى نازارىتىنىڭ بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن، ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار ھۆكۈمەت بىر تۇتاش سېتىۋېلىش مۇلازىمىتىنى ئۆتكۈزۈۋېلىشنى ئىلتىماس قىلىشتا، چوقۇم 3 A دەرىجىلىك ۋە ئۇنىڭدىن يۇقىرى باھالاش دەرىجىسىگە ئېرىشكەن، يېقىنقى ئۈچ يىلدا يىللىق تەكشۈرۈشتە لاياقەتلىك بولغان بولۇشى شەرت قىلىنىدىكەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر