باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

«يىپەك يولى» خەلقئارالىق ئۆز ئالدىغا ئاپتوموبىل ھەيدەش ساياھىتى ئېلىپ بېرىلىدۇ

2016.04.08 13:16         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 8-ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: (شىنجاڭ ئىقتىساد گېزىتى مۇخبىرى دىلشاد غوجائەھمەد خەۋىرى) دۆلىتىمىزنىڭ «بىر يول، بىر بەلباغ» ئىستراتېگىيەسىنىڭ يولغا قويۇلۇشى بىلەن دۆلەت ساياھەت ئىدارىسى 2016 - يىلىنى «يىپەك يولى» ساياھىتى يىلى قىلىپ بېكىتكەن بولۇپ، بۇ چاقىرىققا ئاۋاز قوشۇپ، ئاپتونوم رايونلۇق ساياھەت ئىدارىسى باشچىلىقىدا 7 - ئاپرېل چۈشتىن كېيىن شىنجاڭ ئۆز ئالدىغا ئاپتوموبىل ھەيدەپ ساياھەت قىلىش ئىتتىپاقى، شىنجاڭ «جۇڭشىن» ساياھەت كوپىراتىپى ئۈستىگە ئېلىپ تەشكىللىگەن ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئېچىلىپ، بۇ يىل ئىيۇن ۋە ئاۋغۇستتا «تەڭرىتاغ كارىدورىنى كېسىپ ئۆتۈپ، دۇنياۋى مەدەنىيەت مىراسلىرىدىن ھوزۇرلىنايلى» ۋە «ئالتاي تېغىنى ئايلىنىپ دۇنيانى ساياھەت قىلايلى» ئاساسىي تېمىسىدىكى ئۈچ لىنىيەدە ئۆز ئالدىغا ئاپتوموبىل ھەيدەپ ساياھەت قىلىش لىنىيەسى ئېلان قىلىندى.

  ئىگىلىنىشىچە، ئاپتونوم رايونىمىزدا تۇنجى بولۇپ ئېچىلغان بۇ خەلقئارالىق ئۆز ئالدىغا ئاپتوموبىل ھەيدەپ ساياھەت قىلىش لىنىيەسىنىڭ «تەڭرىتاغ كارىدورىنى كېسىپ ئۆتۈپ، دۇنياۋى مەدەنىيەت مىراسلىرىدىن ھوزۇرلىنايلى» لىنىيەسىدە ساياھەتچىلەر ئۈرۈمچى __ قورغاس __ ئالما - ئاتا __ بېشكەك __ توقماق __ ئىسسىق كۆل __ تورغات __ قەشقەر قاتارلىق ساياھەت لىنىيەلىرىنى بويلاپ ساياھەت قىلىدىكەن؛ «ئالتاي تېغىنى ئايلىنىپ دۇنيانى ساياھەت قىلايلى» لىنىيەسىدە بولسا ئالتاي تېغىنى ئايلىنىپ جۇڭگو، رۇسىيە، قازاقىستان، موڭغۇلىيە دۆلىتىدە ساياھەت قىلىدىكەن.

  ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا ئاپتونوم رايونلۇق ساياھەت ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى گۈلى ئابلېم مۇنداق دېدى: شىنجاڭ «يىپەك يولى» ئىقتىسادىي بەلبېغىنىڭ مەركىزىي رايونىدا بولۇشتەك ئەۋزەللىكى بىلەن «يىپەك يولى» ساياھەتچىلىكىدە ناھايىتى مۇھىم ئورۇندا تۇرىدۇ، چېگرا ئاتلىغان ئۆز ئالدىغا ئاپتوموبىل ھەيدەپ ساياھەت قىلىش لىنىيەسىنىڭ يولغا قويۇلۇشى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ساياھەتچىلىكىنىڭ يېڭى يارقىن نۇقتىسى بولۇپ قالىدۇ. كەلگۈسىدە بىز «يىپەك يولى» بويىدىكى رايون ۋە دۆلەتلەر بىلەن يېڭى «يىپەك يولى» خەلقئارالىق ساياھەت لىنىيەسى ئېچىپ، تېخىمۇ كۆپلىگەن خەلقئارالىق ساياھەت ماركىلىرىنى يارىتىمىز.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر