باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ئەھمەدىي نىجاد سىياسىي سەھنىگە قايتا چىقماقچى

2016.04.08 13:15         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 8-ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئىراننىڭ سابىق زوڭتوڭى ئەھمەدىي نىجاد 5-ئاپرېل، ئۆزىنىڭ كېلەر يىلى سىياسىي سەھنىگە قايتىش ئويى بارلىقىدىن ئىشارەت بەردى. ئىران «ئالىف» خەۋەرلەر تورى شۇ كۈنى ئەھمەدىي نىجادنىڭ سۆزىنى نەقىل كۆلتۈرۈپ، ئۇ بەلكىم كېلەر يىلى 5-ئايدا ئۆتكۈزۈلىدىغان زوڭتوڭ سايلىمىغا قاتنىشىشى مۇمكىن، «ئەگەر ئەھۋال يار بەرسە، مەن (رايىش كونېسرۋاتىپلاردىن بولغان زوڭتوڭ ھەسەن روھانىي بىلەن) 2017-يىلى (سايلامدا) كۆرۈشۈپ قالىمەن»، دېدى.

  بۇ يىل ئىككىنچى ئايدا ئىران يادرو مەسىلىسى بويىچە ئومۇميۈزلۈك كېلىشىمنى قوللايدىغان رايىش كونسېرۋاتىپلار بىلەن ئىجتىمائىي ئەركىنلىكنى كېڭەيتىپ، غەرب بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى ياخشىلاشنى تەشەببۇس قىلىدىغان ئىسلاھاتچىلار ئىران ئىسلام پارلامېنتى ۋە مۇتەخەسسىسلەر قۇرۇلتىيى سايلىمىدا زور مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشىپ، «ئىككى پارلامېنت»تا كۆپ ساننى ئىگىلىدى، قاتتىق قول كونسېرۋاتىپلار زور دەرىجىدە چېكىندى.

  ئەھمەدىي نىجاد 2005-يىلىدىن 2013-يىلىغىچە زوڭتوڭ بولغان بولۇپ، نۇرغۇن قاتتىق قول كونسېرۋاتىپلارنىڭ قارىشىچە، ئىسلاھات كۈچلىرى ئىران «ئىككى پارلامېنت» سايلىمىدا غەلىبە قىلغان شارائىتتا، ئەھمەدىي نىجاد كېلەر يىللىق زوڭتوڭ سايلىمىدا روھانىي بىلەن تەڭ تۇرالايدىغان بىردىنبىر كونسېرۋاتىپلار نامزاتى ئىكەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر