باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

بېيجىڭ شەھىرى يېڭى ئوتتۇرا مەكتەپ ئىمتىھانى ئىسلاھات لايىھەسىنى ئېلان قىلدى

2016.04.08 15:07         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 7-ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: بېيجىڭ شەھەرلىك مائارىپ كومىتېتى 7-ئاپرېل يېڭى ئوتتۇرا مەكتەپ ئىمتىھانى ئىسلاھات لايىھەسىنى ئېلان قىلدى. 2018-يىلىدىن باشلاپ، بېيجىڭ شەھىرىنىڭ ئوتتۇرا مەكتەپ ئىمتىھانى پەن تۈرلىرى چوقۇم بېرىدىغان ۋە تاللاپ بېرىدىغان ئىمتىھان دەپ ئىككى تۈرگە بۆلۈنىدۇ، ئوقۇغۇچىلار نىسبەتەن ياخشى ئىگىلىگەن پەنلەردە «كۈچەپ» نومۇر ئالالايدۇ. بۇ قېتىمقى ئىسلاھاتتا ئىمتىھان پەن تۈرى ۋە نومۇر جەھەتتە نىسبەتەن چوڭ تەڭشەش بولدى.«بېيجىڭ شەھىرىنىڭ ئىمتىھان ئارقىلىق ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش توغرىسىدىكى يولغا قويۇش لايىھەسى» 7-ئاپرېل رەسمىي ئېلان قىلىندى. ئىسلاھات لايىھەسىگە ئاساسەن، ئوتتۇرا مەكتەپ ئىمتىھانىدا ئەدەبىيات، ماتېماتىكا، چەت ئەل تىلى، تەنتەربىيە قاتارلىق تۆت پەندىن چوقۇم ئىمتىھان بېرىدۇ ۋە تارىخ، جۇغراپىيە، سىياسەت، فىزىكا،بىيولوگىيە (خىمىيە) قاتارلىق 5 پەن ئىچىدىن 3نى تاللاپ ئىمتىھان بېرىدۇ. بۇنىڭ ئىچىدە بىيولوگىيە (خىمىيە) بىر پەن تۈرى بولۇپ، ئىككى پەننىڭ ئىمتىھان مەزمۇنى بىرلەشتۈرۈلگەن.

  تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپكە ئۆرلەش ئىمتىھانى نومۇرنىڭ شەكىللىنىشىدە، ئوقۇغۇچىلار نىسبەتەن ياخشى ئىگىلىگەن پەن تۈرىدىكى نەتىجىسىنىڭ سالمىقى چوڭراق بولدى. تولۇق ئوتتۇرىغا ئۆرلەش ئىمتىھانىنىڭ ئومۇمىي نومۇرى 580نومۇر، بۇنىڭ ئىچىدىكى «ئەدەبىيات، ماتېماتىكا، چەتئەل تىلى»دىن ئىبارەت چوقۇم بېرىدىغان ئىمتىھان تۈرىنىڭ ئىمتىھان قەغىزىدىكى ئومۇمىي نومۇرى 100نومۇر، تەنتەربىيە 40 نومۇر بولىدۇ. تاللاپ بېرىدىغان ئۈچ پەننىڭ نەتىجىسى يۇقىرىدىن تۆۋەنگە ٪100، ٪80، ٪60لىك كوئېففىتسېنت سۇندۇرۇپ ھېسابلاش ئۇسۇلى ئارقىلىق ئەمەلىي نومۇر ھېسابلىنىدۇ، ئەمەلىي تولۇق نومۇر 100 نومۇر، 80 نومۇر ۋە 60 نومۇر بولىدۇ.

  لايىھەدە مۇنداق بەلگىلەندى: تاللاپ بېرىدىغان ئىمتىھان تۈرى ئىچىدە چوقۇم فىزىكا، بىيولوگىيە(خىمىيە)نىڭ بىرى بولۇشى كېرەك. بۇنىڭدىن سىرت، فىزىكا، بىيولوگىيە(خىمىيە)، تارىخ، جۇغراپىيە، سىياسەت قاتارلىق بەش ئىمتىھان تۈرىدە 10 نومۇرلۇق ئوچۇق دەرس ئەمەلىيىتى ياكى ئۇنىۋېرسال ئىجتىمائىي ئەمەلىيەت پائالىيىتى نومۇرى بولىدۇ. (شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر