- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
بۇلتۇر ئېلىمىزنىڭ «بىر بەلباغ، بىر يول» بويىدىكى دۆلەتلەر بىلەن بولغان سودا سوممىسى 995 مىليارد 500 مىليون دوللارغا يەتتى
مەملىكەت بويىچە سودا ئومۇمىي سوممىسىنىڭ ٪25.1نى ئىگىلىدى
2016.04.08 14:31 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 8-ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: سودا ئىشلىرى مىنىستىرلىقىنىڭ ئاخبارات باياناتچىسى شېن دەنياڭ 7-ئاپرېل مۇنداق دېدى: 2015-يىلى، جۇڭگونىڭ «بىر بەلباغ، بىر يول» بويىدىكى ئالاقىدار دۆلەتلىرى بىلەن بولغان ئىككى تەرەپ سودا سوممىسى 995 مىليارد 500 مىليون دوللارغا يېتىپ، مەملىكەت بويىچە سودا ئومۇمىي سوممىسىنىڭ ٪25.1نى ئىگىلىدى.
سودا ئىشلىرى مىنىستىرلىقى ۋە دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى، دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى بۇلتۇر 3-ئايدا بىرلىشىپ «يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى ۋە 21-ئەسىر دېڭىز يىپەك يولىنى ئورتاق قۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش ئارزۇسى ۋە ھەرىكىتى»نى ئېلان قىلدى. بىر يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بۇيان، سودا ئىشلىرى مىنىستىرلىقى مەركەزنىڭ بىر تۇتاش ئورۇنلاشتۇرمىسى بويىچە، ئىككى تەرەپ ئىقتىساد-سودا بىرلەشمە كومىتېتى، ھەمكارلىق كومىتېتى قاتارلىق مېخانىزملاردىن تولۇق پايدىلىنىپ، سىرتتا تۇرۇشلۇق سودىگەرچىلىك ئاپپاراتلىرىنىڭ ئالدىنقى سەپ رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئالاقىدار دۆلەتلەر بىلەن بولغان ئالاقە، ئالماشتۇرۇش ۋە ئىقتىساد-سودا ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ مول نەتىجىلەرگە ئېرىشتى. (شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى)
مەنبە: خەلق تورى
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر