خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 8-ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ 7-ئاپرېل چۈشتىن كېيىن خەلق سارىيىدا جۇڭگوغا زىيارەتكە كەلگەن سرىلانكا زۇڭلىسى ۋىكرام سىڭخانى بىلەن سۆھبەتلەشتى.
لى كېچياڭ مۇنداق دېدى: جۇڭگو-سرىلانكىنىڭ ئەنئەنىۋى دوستلۇقى چوڭقۇر. دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان 60 يىلدىن بۇيان، جۇڭگو-سرىلانكا مۇناسىۋىتى دۆلەت ئىچى-سىرتىنىڭ ۋەزىيەت ئۆزگىرىشى ئالدىدا، باشتىن-ئاخىر دوستانە ھەمكارلىشىپ ئالغا ئىلگىرىلەشتەك يۆنىلىشنى ساقلاپ كەلدى. بۇ بىزنىڭ ئورتاق مەنپەئىتىمىز، شۇنداقلا ئىككى دۆلەتتىكى ھەر ساھە كىشىلىرىنىڭ ئورتاق تىرىشچانلىقىنىڭ نەتىجىسى. جۇڭگو، سرىلانكا بىلەن يۇقىرى قاتلام ئالاقىسىنى كۈچەيتىپ، سىياسىيدا ئۆز ئارا ئىشىنىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، كونكرېت ئىشلاردىكى ھەمكارلىقىنى كېڭەيتىپ، رايون ۋە خەلقئارا ئىشلاردىكى ماس ھەمكارلىقنى قويۇقلاشتۇرۇپ، جۇڭگو-سرىلانكا ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق، ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنى يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈشنى ئۈمىد قىلىدۇ. (شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى)
مەنبە: خەلق تورى