- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
شەندوڭ ئۆلكىسى جىنەن شەھەرلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، شەھەر باشلىقى ياڭ لۇيۈ تەشكىل تەرىپىدىن تەكشۈرۈلىۋاتىدۇ
2016.04.07 16:03 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 7-ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىدىن ئىگىلىنىشىچە، شەندوڭ ئۆلكىسى جىنەن شەھەرلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، شەھەر باشلىقى ياڭ لۇيۈ ئىنتىزامغا ئېغىر خىلاپلىق قىلغانلىقتىن، نۆۋەتتە تەشكىل تەرىپىدىن تەكشۈرۈلىۋاتىدۇ.
ياڭ لۇيۈنىڭ قىسقىچە تەرجىمھالى:
ياڭ لۇيۈ، ئەر، خەنزۇ، 1957-يىلى 3-ئايدا تۇغۇلغان، شەندوڭ ئۆلكىسىنىڭ جۈشەن ناھىيەسىدىن، 1974-يىلى 4-ئايدا خىزمەتكە قاتناشقان، 1985-يىلى 7-ئايدا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىگە كىرگەن، ئاسپرانتلىق ئوقۇش تارىخىغا ئىگە، سانائەت كەسپى دوكتۇرى، ئالىي ئېنژىنىر. ھازىر جىنەن شەھەرلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، شەھەر باشلىقى، شەھەرلىك ھۆكۈمەت پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
ئالاقىدار خەۋەرلەر