- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
لياۋنىڭ ئۆلكىلىك پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، ئۆلكىلىك سىياسىي قانۇن كومىتېتىنىڭ شۇجىسى سۇ خوڭجاڭ تەشكىل تەرىپىدىن تەكشۈرۈلىۋاتىدۇ
2016.04.07 16:07 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 7-ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىدىن ئىگىلىنىشىچە، لياۋنىڭ ئۆلكىلىك پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، سىياسىي قانۇن كومىتېتىنىڭ شۇجىسى سۇ خوڭجاڭ ئىنتىزامغا ئېغىر خىلاپلىق قىلغانلىقتىن، نۆۋەتتە تەشكىل تەرىپىدىن تەكشۈرۈلىۋاتىدۇ.
سۇ خوڭجاڭنىڭ قىسقىچە تەرجىمھالى:
سۇ خوڭجاڭ، ئەر، خەنزۇ، لياۋنىڭ ئۆلكىسىنىڭ شېنياڭ شەھىرىدىن، 1959-يىلى 5-ئايدا تۇغۇلغان، كومپارتىيە ئەزاسى، ئالىي مەكتەپ مەدەنىيەت سەۋىيەسىگە، پەلسەپە باكلاۋۇرلۇق ئۇنۋانىغا ئىگە، دوتسېنت. 1983-يىلى 8-ئايدا لياۋنىڭ ئۇنىۋېرسىتېتى پەلسەپە فاكۇلتېتى پەلسەپە كەسپىنى پۈتكۈزگەن. 1976-يىلى 8-ئايدا خىزمەتكە قاتناشقان، 1985-يىلى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىگە كىرگەن، 2011-يىلى 10-ئايدا لياۋنىڭ ئۆلكىلىك پارتكومنىڭ دائىمىي ئەزالىقىغا سايلانغان، ھازىر لياۋنىڭ ئۆلكىلىك پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، سىياسىي قانۇن كومىتېتىنىڭ شۇجىسى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
ئالاقىدار خەۋەرلەر