ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز گۈلبوستان مەمەت خەۋىرى، فوتوسى: شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئىشتات كومىتېتىدىن ئاقسۇ شەھىرى ئىگەرچى يېزىسىنىڭ بۇلۇڭكۆۋرۈك كەنتىگە چۈشكەن خىزمەت گۇرۇپپىسى كەنتكە چۈشكەندىن كېيىن كەنتتىكى بالىلارنىڭ پۇتبولغا بولغان قىزغىنلىقىنىڭ ناھايىتى يۇقىرى ئىكەنلىكىنى، ئەمما ئىقتىسادىي ۋە ئەمەلىي شارائىتنىڭ چەكلىمىسى تۈپەيلىدىن ئالاھىدىلىكىنى جارى قىلدۇرالمايۋاتقانلىقى كۆزدە تۇتۇپ، خىزمەت گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزالىرىدىن لوپىڭ بىلەن نۇرلان ئوقۇغۇچىلارنىڭ دەرستىن سىرتقى ۋاقىتلىرىدىن پايدىلىنىپ، ئۇلارغا پۇتبول ئويناشنىڭ دەسلەپكى ئاساسىي تېخنىكىلىرىنى ئۆگەتتى، ھەمدە كوماندا تەشكىللەپ مۇسابىقىلەرنى ئويۇشتۇردى. شۇنىڭ بىلەن بىرگە كوماندا ئەزالىرىغا بىر يۈرۈشتىن پۇتبول كىيىمى ۋە پۇتبول ئايىغى سوۋغا قىلىپ، ئۇلارغا ئىلھام ۋە مەدەت بەردى.