خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 6-ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: (يەكەن ناھىيەسى مىشا يېزىلىق ئوتتۇرا مەكتەپتىن ئابدۇرۇسۇل مۇھەممەد ئەلتۇغ خەۋىرى، فوتوسى) يەكەن ناھىيەسى 4-ئاينىڭ 4-كۈنى مەخسۇس يىغىن ئېچىپ، ناھىيە تەۋەسىدىكى يازغۇچى، شائىرلارنى تۇرمۇشقا چوڭقۇر چۆكۈپ، مۇنەۋۋەر تىپلارنى قېزىپ چىقىپ، «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى، ئۈچ ئەل خىزمىتى ۋە نامراتلارنى نۇقتىلىق يۆلەش» تېمىسىدىكى مۇنەۋۋەر ئەسەرلەرنى ئىجاد قىلىشقا، «يەكەننىڭ گۈزەل ھېكايىلىرىنى سۆزلەش» پائالىيىتىنى ئەستايىدىل ئېلىپ بېرىشقا سەپەرۋەر قىلدى.
سۈرەتتە: سەپەرۋەرلىك پائالىيىتىدىن كۆرۈنۈش
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى