- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
شاڭخەيدە يېشى 65 تىن ئاشقان ياشانغانلارغا كۈتۈنۈش ياردەم پۇلى بېرىلىدۇ
ياردەم پۇلى ھەر ئايدا 75 يۈەندىن تۆۋەن بولمايدۇ
2016.04.07 16:08 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 7-ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 6-ئاپرېل ئېچىلغان شاڭخەي شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدىن ئىگىلىنىشىچە، 5-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ، شاڭخەي شەھىرىدىكى يېشى 65تىن يۇقىرى، شاڭخەي نوپۇسىدىكى ياشانغانلار ھەر ئايدا 75 يۈەندىن ئاز بولمىغان ياشانغانلار ئۇنىۋېرسال ياردەم پۇلىدىن بەھرىمەن بولىدىكەن. ياشانغانلار ئۇنىۋېرسال ياردەم پۇلى تۈزۈمى «شاڭخەي شەھىرىنىڭ ياشانغانلار ھوقۇق-مەنپەئەتىگە كاپالەتلىك قىلىش نىزامى» بىلەن ماس قەدەمدە يولغا قويۇلىدىكەن.
شاڭخەي شەھەرلىك خەلق ئىشلىرى ئىدارىسىنىڭ باشلىقى، ياشانغانلار خىزمىتى ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى جۇ چىنخاۋنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، شاڭخەي شەھىرىنىڭ ياشانغانلار ئۇنىۋېرسال ياردەم پۇلى ئۆلچىمى ياش قاتلىمى بويىچە بەش دەرىجىگە بۆلۈنىدىكەن: 65-69 ياشتىكىلەر ھەر ئايدا ھەربىر كىشى 75 يۈەن؛ 70-79 ياشتىكىلەر ھەر ئايدا 150 يۈەن؛ 80-89 ياشتىكىلەر ھەر ئايدا 180 يۈەن؛ 90-99 ياشتىكىلەر ھەر بىر كىشى ھەر ئايدا 350 يۈەن؛ يۈز ياشتىن ئاشقانلار ھەر بىر كىشى ھەر ئايدا 600 يۈەن كۈتۈنۈش ياردەم پۇلىدىن بەھرىمەن بولىدىكەن.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
ئالاقىدار خەۋەرلەر