باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ نوپۇسى 500 مىڭدىن ئاشىدىغان ناھىيە–شەھەرلەردە توكلۇق ئاپتوموبىل (ئېلېكتىروموبىل) ئومۇملاشتۇرۇلىدۇ

ئاممىۋى قاتناش، تاكسى، ماددىي ئەشيا ئوبوروتى، مۇھىت ئاسراش، جامائەت خىزمىتى، ساياھەتچىلىك قاتارلىق ساھەلەردە ئالدىن ئومۇملاشتۇرۇلىدۇ

2016.04.07 14:00         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 7- ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىل ئاپتونوم رايونىمىزدىكى نوپۇسى 500 مىڭدىن ئاشىدىغان ناھىيە – شەھەرلەردە تېخىمۇ كۆپىيىدۇ، بۇنىڭ ئىچىدە، ئاممىۋى قاتناش، ئىجارىگە بېرىش، ئەشيا ئوبوروتى، مۇھىت ئاسراش، ھۆكۈمەت ئىشلىرى، ساياھەت قاتارلىق كەسىپلەردە توكلۇق ئاپتوموبىل ئىشلىتىش ئالدىن يولغا قويۇلىدۇ.

  مۇخبىرنىڭ 5 – ئاپرېل ئاپتونوم رايونلۇق تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتىدىن ئىگىلىشىچە، ئاپتونوم رايونىمىز «توك قاچىلاش ئورۇنلىرىنى ئالدىن قۇرۇش» پىرىنسىپى بويىچە، توكلۇق ئاپتوموبىللارغا توك قاچىلاش ئەسلىھەلىرىنى مۇۋاپىق دەرىجىدە ئالدىن قۇرۇپ، نوپۇسى 500 مىڭدىن ئاشىدىغان ناھىيە – شەھەرلەردە توكلۇق ئاپتوموبىللارنى ئومۇملاشتۇرىدىكەن. توكلۇق ئاپتوموبىللارغا توك قاچىلاش ئەسلىھەلىرى قۇرۇشنى يولغا قويۇشقا ئالاقىدار «پىكىر» جىددىي تۈزۈلۈۋېتىپتۇ.بۇنىڭدىن كېيىنكى بەش يىلدا، ئۈرۈمچى شەھىرى قاتناش ساھەسىنى بۆسۈش ئېغىزى قىلىپ، يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاممىۋى قاتناش ئاپتوموبىلىدىن 500 نى كىرگۈزىدىكەن. بۇ، يىلىغا ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 100 ئاپتوموبىلدىن توغرا كېلىدىكەن. 2015 – يىلىغىچە، ئۈرۈمچى شەھىرىدە بىر توك قاچىلاش پونكىتى، بىر ئاككۇمۇلياتور ئالماشتۇرۇش پونكىتى، چاچما شەكىللىك توكلىغۇ ئورنىدىن 27 سى قۇرۇلىدىغان بولۇپ، بۇلار ھەر كۈنى ئوخشاش بولمىغان تىپتىكى 138 يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىلنىڭ توك قاچىلاش ئېھتىياجىنى قاندۇرالايدىكەن. 2019 – يىلىغا بارغاندا، ئۈرۈمچى شەھىرىدە يۈرۈشلۈك توكلىغۇدىن 125 سى پۈتكۈزۈلىدىكەن.

  بۇ يىل 2 – ئايدا، ئاپتونوم رايون «يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىللارنى ئومۇملاشتۇرۇش، ئىشلىتىشنى تېز يولغا قويۇش پىكرى توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش»نى چىقاردى، ئۇقتۇرۇشتا مۇنۇلار ئوتتۇرىغا قويۇلدى: 2016 – يىلىدىن باشلاپ ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەردە ئۈچتىن بەش تۈركۈمگىچە نۇقتىدا سىناق قىلىنىدىغان شەھەر – بازارلار بېكىتىلىپ، يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىللارنى ئىشلىتىش قانات يايدۇرۇلىدۇ، ئاپتونوم رايوندىكى جامائەت ئاپپاراتلىرى ۋە كەسپىي ئورۇنلار سېتىۋالغان يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىللارنىڭ شۇ يىلى تەقسىملەنگەن، يېڭىلانغان ئاپتوموبىل ئومۇمىي مىقدارىدا ئىگىلىگەن نىسبىتى %10 تىن تۆۋەن بولمايدۇ، بۇنىڭدىن كېيىن ئىشلىتىلىش كۆلىمى يىلمۇ يىل كېڭەيتىلىدۇ. 2020 – يىلىغا بارغاندا، سىناق نۇقتا قىلىنغان شەھەر – بازارلاردا يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىللارنى ئىشلىتىش بەلگىلىك كۆلەمگە يەتكۈزۈلىدۇ، يېڭىدىن كۆپەيگەن ياكى يېڭىلانغان ئاپتوموبىللار ئىچىدىكى يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىللارنىڭ نىسبىتى %50 تىن تۆۋەن بولمايدۇ؛ جامائەت ئاپپاراتلىرى ۋە كەسپىي ئورۇنلار سېتىۋالغان يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىللار سانىنىڭ شۇ يىلى تەقسىملەنگەن، يېڭىلانغان ئاپتوموبىل سانىدا ئىگىلىگەن نىسبىتى %30 تىن تۆۋەن بولمايدۇ.

  كەلگۈسىدە، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىللارغا توك قاچىلاش ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى تورلاشتۇرۇلۇپ، سىناق نۇقتا قىلىنغان شەھەر – بازارلاردىكى ئاممىۋى مۇلازىمەت سورۇنلىرى، ئاپتوموبىللار زىچ رايونلار، سودا، ئولتۇراق رايونى ۋە يۇقىرى سۈرئەتلىك يول مۇلازىمەت رايونلىرىنى ئاساسىي جەھەتتىن قاپلايدۇ، سانى مۇۋاپىق كۆپەيتىلىپ، توك قاچىلاش پونكىتى ۋە ئاككۇمۇلياتور ئالماشتۇرۇش پونكىتى بىرلەشتۈرۈلىدۇ، تېز توك قاچىلاش بىلەن ئاستا توك قاچىلاش بىرلەشتۈرۈلىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر