باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

جاڭ چۇنشيەن پاكىستان زوڭلىسى شېرىف بىلەن كۆرۈشتى

2016.04.08 13:13         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 8-ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: پاكىستاندا زىيارەتتە بولۇۋاتقان ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى جاڭ چۇنشيەن 6-ئاپرېل ئىسلامئابادتا پاكىستان زوڭلىسى شېرىف بىلەن كۆرۈشتى.

  جاڭ چۇنشيەن ئالدى بىلەن رەئىس شى جىنپىڭ ۋە زوڭلى لى كېچياڭنىڭ سالىمىنى يەتكۈزدى. ئۇ مۇنۇلارنى بىلدۈردى:جۇڭگو-پاكىستان دوستلۇقى چوڭقۇر ھەم ئۇزۇن تارىخقا ئىگە، ئىككى دۆلەت ئىناق قوشنىلار، ياخشى دوستلار، ياخشى بۇرادەرلەر، ياخشى ھەمراھلار. رەئىس شى جىنپىڭ پاكىستاندا زىيارەتتە بولغان مەزگىلدە، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتى يەر شارى خاراكتېرلىك ئىستىراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىگە كۆتۈرۈلۈپ، جۇڭگو-پاكىستان مۇناسىۋىتىنىڭ كەلگۈسى تەرەققىياتى ئۈچۈن يۆنىلىش كۆرسىتىپ بەردى. بۇ قېتىم زىيارەتكە كېلىشىم ئاساسلىقى رەئىس شى جىنپىڭ پاكىستاندا زىيارەتتە بولغاندىن كېيىن قولغا كەلتۈرۈلگەن مۇھىم نەتىجىلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، جۇڭگو-پاكىستان ئىقتىسادىي كارىدورى قۇرۇلۇشى ۋە شىنجاڭ بىلەن پاكىستاننىڭ ھەمكارلىقىنى يەنىمۇ ئىلگىرى سۈرۈشنى مەقسەت قىلىدۇ. شىنجاڭ يىپەك يولى ئىقتىسادىي بەلبېغىدىكى يادرولۇق رايون بولۇپ، جۇڭگو-پاكىستان ئىقتىساد كارىدورىنىڭ باشلىنىش نۇقتىسى بولۇپ، «1+4» ھەمكارلىقى ئورۇنلاشتۇرۇشىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش جۇڭگو-پاكىستان ئىقتىسادىي كارىدورى قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە مۇھىم رولىنى جارى قىلدۇرالايدۇ. ئىككى تەرەپ ئالاقىنى راۋانلاشتۇرۇپ، سودا، كەسىپلەر، ئادىمىيەت ئالماشتۇرۇش، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش قاتارلىق ساھەلەردە ھەمكارلىقنى يەنىمۇ كۈچەيتىشى لازىم.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر