باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>ئۆز خەۋىرىمىز

بۇ يىل 4-ئايدىن باشلاپ بۇ يېڭى بەلگىلىمىلەر سىزنىڭ تۇرمۇشىڭىزغا تەسىر كۆرسىتىدۇ

2016.04.08 14:14         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  1. 16 شەھەر ئۆزلۈكىدىن ئۆگىنىپ ئاپتوموبىل ھەيدەش كىنىشكىسى ئېلىش سىناق نۇقتىسى قىلىندى

  «موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرىنى ھەيدەش كىنىشكىسىنى ئۆزلۈكىدىن ئۆگىنىپ بىۋاسىتە ئىمتىھان بېرىش نۇقتىسى تەسىس قىلىش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش»1- ئاپرېلدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ. تيەنجىن، باۋتۇ، چاڭچۈن، نەنجىڭ، نىڭبو ، مائەنشەن، فۇجۇ، جىئەن، چىڭداۋ، ئەنياڭ، ۋۇخەن، نەننىڭ، چېڭدۇ، گۇيجۇ ئۆلكىسىنىڭ شەرقىي جەنۇبى، دالى، باۋجى قاتارلىق 16 شەھەر ( ئوبلاست)دە كىچىك تىپتىكى ئاپتوموبىل، كىچىك تىپتىكى ئاپتوماتىك ئاپتوموبىل ھەيدەش كىنىشكىسىنى ئۆزلۈكىدىن ئۆگىنىپ ئىمتىھان بېرىش نۇقتىسى قىلىنىدۇ.

  2. ئولتۇراقلىشىش كىنىشكا ئىگىسى ئولتۇرۇشلۇق جايىدا شەخسىي ئىش بىلەن چېگرادىن چىقىش-كىرىش گۇۋاھنامىسى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ

  1-ئاپرېلدىن باشلاپ، مەملىكەت بويىچە ئولتۇراقلىشىش كىنىشكىسى تۈزۈمىنى يولغا قويغان ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى شەھەرلەردە، ئولتۇراقلىشىش كىنىشكا ئىگىسى ئۆزىنىڭ سالاھىيەت ئىسپاتى، ئولتۇراقلىشىش كىنىشكىسىنى ئېلىپ، تۇرۇشلۇق جايدىكى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىنىڭ چېگرادىن كىرىش - چىقىشنى باشقۇرۇش تارمىقىغا ئادەتتىكى پاسپورتنى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ، شياڭگاڭ-ئاۋمېن يول خېتى ۋە (شېنجېندا بىر يىل ئىچىدە كۆپ قېتىم « شەخسىي ساياھەت قىلىش»دەپ يېزىلغان بۇنىڭ سىرتىدا) دەپ يېزىلغان ھەم تەيۋەنگە بېرىپ-كېلىش يول خېتى ۋە ( تەيۋەنگە بېرىپ ئولتۇراقلاشقانلار بۇنىڭ سىرتىدا) باشقا ئىلتىماس قىلىش ماتېرىياللىرى شۇ جاي نوپۇسىدا بولغان ئاھالىلەر بىلەن بىردەك بولۇشى لازىم.

  3. 1-ئاپرېلدىن باشلاپ يېڭى بانكا ھېسابات سىستېمىسى يولغا قويۇلدى

  شەخسىي بانكا ھېسابات مۇلازىمىتىنى ياخشىلاش، بانكا ھېسابات باشقۇرۇشىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش»نىڭ تەلىپى بويىچە 1-ئاپرېلدىن باشلاپ بانكا سىستېمىسىدا بىرىنچى تۈردىكى، ئىككىنچى تۈردىكى ۋە ئۈچىنچى تۈردىكى بانكا ھېساباتىنى ئۈنۈملۈك پەرقلەندۈرۈشنى ھەم بەلگىلىمە بويىچە خەلق پۇلى بانكا راسچوت ھېساباتىنى باشقۇرۇش سىستېمىسىغا مەلۇم قىلىشنى ئەمەلگە ئاشۇرىدۇ. بانكا پۇل ئامانەت قويغۇچى تور بانكىسى، يان تېلېفون بانكىسى ئارقىلىق مەلۇم ساندىن تۆۋەن بولغان مېمورىيال پېرېۋوت كەسپىنى بېجىرگەندە، رەسمىيەت ھەققىنى كەچۈرۈم قىلىدۇ.

  4. ئۆي-زېمىن ۋاسىتىچىسى مەملىكەت بويىچە بىر تۇتاش ئىمتىھانىغا قاتنىشىدۇ

  تۇرالغۇ ۋە شەھەر-يېزا قۇرۇلۇشى مىنىستىرلىقى، دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى، ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقى « ئۆي-زېمىن ۋاسىتىچىلىكىنى باشقۇرۇش چارىسى»غا تۈزىتىش كىرگۈزۈش توغرىسىدىكى قارارنى ئېلان قىلدى، 1-ئاپرېلدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ. ئۆي-زېمىن ۋاسىتىچىسى ۋە ياردەمچى ئۆي-زېمىن ۋاسىتىچىسى كەسپىي سالاھىيىتىگە ئېرىشىشتە مەملىكەت بويىچە بىر تۇتاش تۈزۈلگەن لايىھە، بىر تۇتاش چىقىرىلغان سوئال، بىر تۇتاش تەشكىللىگەن ئىمتىھان تۈزۈمى يولغا قويۇلىدۇ، ئۆي-زېمىن ۋاسىتىچىلىك كەسپى ئاپاراتى ئىمتىھان خىزمىتىگە مەسئۇل بولۇپ باشقۇرىدۇ ۋە يولغا قويۇشنى تەشكىللەيدۇ، پىرىنسىپ جەھەتتە ھەر يىلى بىر قېتىم ئىمتىھان ئېلىنىدۇ.

  5. پاتېنت ھوقۇقىغا دەخلى-تەرۇز يەتكۈزۈلسە، ئەھۋالغا قاراپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ

  1-ئاپرېلدىن باشلاپ يولغا قويۇلغان «ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ پاتېنت ھوقۇقىغا دەخلى- تەرۇز قىلىش ماجىرا دېلولىرىغا قاراپ چىقىپ بىر تەرەپ قىلىش توغرىسىدىكى تەتبىقلىنىدىغان بىر قانچە قانۇنىي مەسىلىلەرنىڭ ئىزاھاتى ( 2 ) »دىكى بەلگىلىمىگە ئاساسەن، ئەگەر ئىشلەتكۈچى ياخشى نىيەتتە بولۇپ، ئوبيېكتىپ جەھەتتە ئۇ قانۇنىي مەنبە بىلەن تەمىنلىگەن ھەم مەزكۇر مەھسۇلاتقا ئېرىشكەندىن كېيىن مۇۋاپىق باھا بىلەن چىقىم قىلغان بولسا، ياخشى نىيەتلىك ئىشلەتكۈچى دەپ ھېسابلىنىدۇ.

  6. يۇرتىغا قايتىدىغان سەرگەردان تىلەمچىلەرگە مەخسۇس پويىز بېلىتى بېرىلىدۇ

  خەلق ئىشلىرى مىنىستىرلىقى، جۇڭگو تۆمۈر يول باش شىركىتى بىرلىشىپ تارقاتقان «تىرىكچىلىك يولى يوق سەرگەردان تىلەمچىلەرگە مەخسۇس پويىز بېلىتى بېرىشنى باشقۇرۇش خىزمىتىنى يەنىمۇ كۈچەيتىش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش»تىكى بەلگىلىمىدە، 1-ئاپرېلدىن باشلاپ، تىرىكچىلىك يولى يوق سەرگەردان تىلەمچىلەر پويىزغا چىققاندا، بىر تۇتاش جۇڭگو تۆمۈر يول باش شىركىتى بېكىتكەن مەخسۇس نۇسخىدىكى پويىز بېلىتىنى ئىشلىتىدۇ ھەم قۇتقۇزۇشنى باشقۇرۇش ئاپپاراتى شۇ جايدىكى تۆمۈر يول بېكىتى بىلەن بىرلىكتە مەخسۇس پويىز بېلىتى سېتىۋېلىش، قايتۇرۇش، ئۆزگەرتىش ۋە ماركا-پۇل راسچوت قىلىش قاتارلىق ئىشلارنى مەخسۇس پويىز بېلىتى سېتىۋېلىنغان ئورۇن بىلەن بىرلىكتە قايتۇرۇش، ئۆزگەرتىش ۋە قول قويۇش، بېلەت پۇلىنى راسچوت قىلىش قاتارلىق ئىشلارنى بېكىتىدۇ.

  7. شەرقىي قىسىمدىكى 11 ئۆلكىدە موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرىغا دۆلەتنىڭ بەش ئۆلچىمى يولغا قويۇلىدۇ

  بېيجىڭ شەھىرى، تيەنجىن شەھىرى، خېبېي ئۆلكىسى، لياۋنىڭ ئۆلكىسى، شاڭخەي شەھىرى، جياڭسۇ ئۆلكىسى، جېجياڭ ئۆلكىسى، فۇجيەن ئۆلكىسى، شەندۇڭ ئۆلكىسى، گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسى ۋە خەينەن ئۆلكىسى 1-ئاپرېلدىن باشلاپ، بارلىق ئىمپورت قىلىنغان، سېتىلىدىغان ۋە تىزىمغا ئالدۇرغان يېنىك تىپتىكى بېنزىن ئاپتوموبىلى، يېنىك تىپتىكى دىزېل يولۇچىلار ئاپتوموبىلى، ئېغىر تىپتىكى دىزېل ئاپتوموبىلى ( پەقەت ئاممىۋى قاتناش، مۇھىت ئاسراش، پوچتىغا ئىشلىتىلىدىغان)، دۆلەت بەش ئۆلچەم تەلىپىگە ئۇيغۇن بولۇشى كېرەك.

  8 . كۆمۈركان بىخەتەرلىك ئىجازەتنامىسىنى تارقىتىش تېخىمۇ چىڭىتىلىدۇ

  دۆلەت بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى نازارەت قىلىش باش ئىدارىسىنىڭ تۈزىتىش كىرگۈزگەن « كۆمۈركان كارخانىلىرىنىڭ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش ئىجازەتنامىسىنى يولغا قويۇش چارىسى» 1-ئاپرېلدىن باشلاپ رەسمىي يولغا قويۇلدى. يېڭى چارىدە، كۆمۈركان كارخانىلىرىغا قانۇن بويىچە ئىجازەت بېرىشتە بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش شارائىتىغا قويۇلىدىغان تەلەپ يەنىمۇ چىڭىتىلدى.

  9. چېگرا ئاتلاپ نەرسە سېتىۋېلىش دەۋرى ئاخىرلىشىدۇ

  8-ئاپرېلدىن باشلاپ، ئېلىمىزدە چېگرا ئاتلاپ ئېلېكتىرونلۇق پارچە تاۋار سېتىۋېلىش ئىمپورت سودىسىدا يېڭى باج تۈزۈمى ئىجرا قىلىنىدۇ، ماللاردىن تاموژنا بېجى ۋە ئىمپورت ھالقىسىدىكى قوشۇلما قىممەت بېجى، ئىستېمال بېجى ئېلىنىدۇ. يېڭى سىياسەتكە ئاساسەن، ئىلگىرىكى چېگرا ئاتلاپ سېتىۋېلىنىپ ئىمپورت قىلىنغان تاۋارنىڭ بىر قېتىملىق سودا چەك قىممىتى 1000 يۈەندىن 2000 يۈەنگىچە، شەخسىي يىللىق سودا چېكى قىممىتى 20 مىڭ يۈەن خەلق پۇلى؛ يۈك توشۇش ھەققى 50 يۈەن ھەم باج كەچۈرۈم قىلىنىدۇ، دېگەنلەر ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇپ، ئادەتتىكى سودا جەريانىدا قوشۇلما قىممەت بېجى ۋە ئىستېمال بېجى نىسبىتى بويىچە % 70 باج ئېلىنىدۇ؛ چەك قويۇلغان قىممىتى ئىچىدە بولسا، تاموژنا بېجى نىسبىتى ۋاقتىنچە 0 % بېكىتىلىدۇ.

  10. كارخانىلارنىڭ مەلۇم قىلغان باج تاپشۇرۇش قېتىم سانى ئاددىيلاشتۇرۇلدى

  دۆلەت باج ئىشلىرى باش ئىدارىسى «باج تاپشۇرغۇچى مەلۇم قىلغان باج تاپشۇرۇش قېتىم سانىنى مۇۋاپىق ئاددىيلاشتۇرۇش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇشى»نى ئېلان قىلدى، ئۇقتۇرۇشتا 1-ئاپرېلدىن باشلاپ، كىچىك كۆلەملىك باج تاپشۇرغۇچى ۋە كىچىك تىپتىكى ئاز پايدا ئالىدىغان كارخانىلار قوشۇلما قىممەت بېجى تاپشۇرغاندا، پەسىل بويىچە قوشۇلما قىممەت بېجىنى مەلۇم قىلىپ تاپشۇرۇشنى ياكى كارخانا تاپاۋەت بېجىنى ئالدىن تاپشۇرۇشنى يولغا قويىدۇ، ئاي بويىچە مەلۇم قىلىشنىڭ ھاجىتى يوق، باج تاپشۇرغۇچىنىڭ باج تاپشۇرۇش يۈكى يەنىمۇ يېنىكلىتىلىدۇ، دېيىلدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر