باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

مەركىزىي كومىتېت تەشكىلات بۆلۈمى، مەركىزىي كومىتېت تەشۋىقات بۆلۈمى، ئەدلىيە مىنىستىرلىقى، ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقى بىرلىشىپ پىكىر ئېلان قىلدى

دۆلەت خىزمەتچىلىرىنىڭ قانۇن ئۆگىنىش، قانۇن ئىشلىتىش تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش ئورۇنلاشتۇرۇلدى

2016.04.08 14:41         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 8-ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مەركىزىي كومىتېت تەشكىلات بۆلۈمى، مەركىزىي كومىتېت تەشۋىقات بۆلۈمى، ئەدلىيە مىنىستىرلىقى، ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقى بىرلىشىپ يېقىندا «دۆلەت خىزمەتچىلىرىنىڭ قانۇن ئۆگىنىش، قانۇن ئىشلىتىش تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش توغرىسىدىكى پىكىر»نى ئېلان قىلىپ، دۆلەت خىزمەتچىلىرىنىڭ قانۇن ئۆگىنىش، قانۇن ئىشلىتىش تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشكە قارىتا ئومۇميۈزلۈك ئورۇنلاشتۇرۇش قىلدى.

  پىكىر 2016-يىلى 1-ئايدا مەركەز ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپىسىنىڭ 20-قېتىملىق يىغىنىدا قاراپ چىقىپ ماقۇللاندى. پىكىردە پارتىيە 18-قۇرۇلتىيى ۋە ج ك پ 18-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ 3-، 4-، 5-ئومۇمىي يىغىنلىرىنىڭ روھى، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ بىر قاتار مۇھىم سۆزلىرىنىڭ روھى ئومۇميۈزلۈك، چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇلغان بولۇپ، دۆلەت خىزمەتچىلىرىنىڭ قانۇن ئۆگىنىش، قانۇن ئىشلىتىش خىزمىتىگە يېتەكچىلىك قىلىدىغان پروگرامما خاراكتېرلىك ھۆججەت ھېسابلىنىدۇ.(شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر