باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

خىزمەت گۇرۇپپىسى نامراتلىقىتىن قۇتۇلدۇرۇش خىزمىتىنى ياخشى باشلىدى

2016.04.08 13:21         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز گۈلبوستان مۇھەممەد خەۋەر قىلىدۇ: ئاپتونوم رايونلۇق ئورمانچلىق نازارىتىدىن 3-تۈركۈمدە ئاقسۇ شەھىرىنىڭ ئايكۆل بازىرى تۆۋەنكى تېگىن كەنتىگە چۈشكەن كادىرلار كەنتكە چۈشكەندىن كىيىن، نامراتلارنى يۆلەش خىزمىتىنى مۇھىم ئورۇنغا قويدى. ئۇلار كەنت كومىتېتىدىكىلەر بىلەن كېڭىشىش ئارقىلىق بۇ كەنتتىكى 37 نامرات ئائىلىنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشقا بەل باغلىدى. ئۇلار ئائىلە زىيارىتى داۋامىدا نامرات ئائىلىلەرنىڭ ئەھۋالىنى تەپسىلىي ئىگىلەپ، ئۇلارنىڭ ھويلىسى ۋە ئۆيى ئەتراپىدىكى بوش يەرلەرگە مېۋىلىك كۆچەت تىكىپ شۇ ئارقىلىق دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇپ، ئۇلارنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش پىلانىنى تۈزۈپ چىقتى. خىزمەت گۇرۇپپىسى يېقىندا، 30مىڭ يۈەن قىممىتىدىكى 3000 تۈپ مېۋىلىك دەرەخ كۆچىتىنى بۇ كەنتنىڭ 1-گۇرۇپپىسىدا تېخنىكلارنىڭ يېتەكچىلىكىدە ئالدى بىلەن ئىگە-چاقىسىز، ياشانغانلارنىڭ ھويلىسى ۋە ئۆي ئەتراپىغا تىكىپ بېرىپ، ئۇلارنى خاتىرجەم قىلدى. ئاندىن نامرات ئائىلىلەرگە قالغان كۆچەتلەرنى تارقىتىپ بەردى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر