باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

بۇلتۇر ئالىي مەكتەپلەردە ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلار 37 مىليونغا، ھەر خىل ئالىي مەكتەپلەر 2854گە، مەكتەپكە كىرىش نىسبىتى ٪40كە يەتتى

ئالىي مائارىپ سۈپىتى «دۆلەت دوكلاتى» تۇنجى قېتىم ئېلان قىلىندى

2016.04.08 15:15         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 7-ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مائارىپ مىنىستىرلىقى 7-ئاپرېل «جۇڭگو ئالىي مائارىپ سۈپىتى دوكلاتى»نى ئېلان قىلدى، بۇ ئېلىمىزنىڭ تۇنجى قېتىم ئالىي مائارىپ سۈپىتى دوكلاتىنى ئېلان قىلىشى، شۇنداقلا دۇنيادا تۇنجى قېتىم ئېلان قىلىنغان ئالىي مائارىپ سۈپىتىنىڭ «دۆلەت دوكلاتى» ھىسابلىنىدۇ.

  سۈپەت دوكلاتى «جۇڭگو ئالىي مائارىپ سۈپىتى دوكلاتى»دىن ئىبارەت بىر ئومۇمىي دوكلات ۋە «جۇڭگو قۇرۇلۇش مائارىپى سۈپىتى دوكلاتى»، «مەملىكىتىمىزدە يېڭىدىن قۇرۇلغان تۇلۇق كۇرس مەكتەپلىرىنىڭ ئوقۇتۇش سۈپىتىنى تەكشۈرۈش دوكلاتى»، «يېڭىچە ئالىي مەكتەپلەرنىڭ يېڭى ئۇتۇقلىرى−يېڭىدىن قۇرۇلغان 100 مەكتەپنىڭ لاياقەتلىكىگە باھا بېرىش ئۈنۈم دوكلاتى»دىن ئىبارەت ئۈچ مەخسۇس تېما دوكلاتىدىن تەركىب تاپقان.

  دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە، يېڭى ئەسىر كىرگەندىن بۇيان، جۇڭگونىڭ ئالىي مائارىپىدا ھالقىما تەرەققىيات ئىشقا ئاشۇرۇلغان، 2015-يىلى مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلار كۆلىمى 37 مىليونغا يېتىپ، دۇنيا بويىچە 1 - ئورۇندا تۇرغان؛ ھەر خىل ئالىي مەكتەپلەرنىڭ سانى 2852گە يىتىپ، دۇنيا بويىچە ئىككىنچى ئورۇندا تۇرغان؛ مەكتەپكە كىرىش ئومۇمىي نىسبىتى %40كە يېتىپ، دۇنيانىڭ ئوتتۇرىچە سەۋىيەسىدىن ئېشىپ كەتكەن. ئالىي مائارىپ تەرەققىياتى بىلەن خەلق ئىگىلىكى تەرەققىياتى ماس قەدەمدە تەرەققىي قىلغان ھەم مۇۋاپىق ئالدىدا مېڭىشنى ئىشقا ئاشۇرغان. 2000-يىلدىن بۇيان، يەرلىك ئىقتىسادىي تەرەققىياتقا ماسلىشىش ئۈچۈن، جۇڭگو ئالىي مائارىپنىڭ ئورۇنلىشىش قۇرۇلمىسىنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن تەڭشەپ، رايوننىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتى قەدىمى بىلەن ماسلاشتۇرغان. يېڭىدىن قۇرۇلغان مەكتەپلەر جۇڭگونىڭ ئالىي مائارىپىدىكى چوڭ ئۆزگۈرۈشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، «دۆلەت زېمىنىنىڭ يېرىمى»نى ئىگىلىدى، كەسىپ قۇرۇلمىسى بىلەن بولغان جىپسىلىشىشىنى يەنىمۇ قويۇقلاشتۇردى. (شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر