خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 8- ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: (ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز: مۇيەسسەر ئاباھىمىت خەۋىرى، ناسىپجان مامۇت فوتوسى) ھاۋانىڭ ئىللىشىغا ئەگىشىپ ئۆرۈك دەرەخلىرى چېچەكلەپ، شىنجاڭنىڭ ھەممىلا يېرى باھار تۈسىگە كىردى. ئاقتۇ ناھىيەسىنىڭ بارىن يېزىسى گۈلباغ كەنتىدە ئاقتۇ ناھىيەسىنىڭ 7- نۆۋەتلىك ئۆرۈك چېچىكى بەزمىسى ئۆتكۈزۈلدى. ئاقتۇ ناھىيەسىگە ھەر قايسى جايلاردىن كەلگەن مېھمانلار ۋە ئاقتۇدىكى دېھقان - چارۋىچىلاردىن بولۇپ 10 مىڭدىن ئارتۇق ئادەم بۇ كەنتكە جەم بولۇپ، چېچەكلەردىن ھۇزۇرلىنىپ، يەرلىك نازۇ- نىممەتلەرگە ئېغىز تەگدى. ئۆرۈكلۈك باغدىكى چېچەكلەر پورەكلەپ ئېچىلغان، ھەسەل ھەرىلىرى ۋە كېپىنەكلەر ئۇچۇپ يۈرۈشكەن بۇ گۈزەل مەنزىرىدە، نۇرغۇن ساياھەتچىلەر خاتىرە سۈرەتكە چۈشتى.
ئىگىلىشىمچە، بارىن ئۆرىكى 400 يىلدىن ئارتۇق تارىخقا ئىگە بولۇپ، 2008 - يىلى يېزا ئىگىلىك مىنىستىرلىقى بارىن يېزىسىغا «جۇڭگونىڭ بارىن ئۆرۈكى ماكانى» دەپ نام بەرگەن. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئاقتۇ ناھىيەسى بارىن ئۆرۈكىنى بارىن يېزىسىنىڭ ساياھەت ماركىسى قىلىپ، ئالتە قېتىملىق ئۆرۈك چېچىكى بايرىمىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزگەن. چېچەكنى ۋاسىتە قىلىپ ئاقتۇ ناھىيەسىنڭ ئىناقلىققا تولغان خاتىرجەم، تىنچ قىياپىتىنى نامايان قىلغان.
بارىن يېزىلىق پارتكومنىڭ شۇجىسى ليۇ زوشىن بۇ قېتىمقى ئۆرۈك چېچىكى بايرىمى توغرىسىدا توختىلىپ مۇنداق دېدى: بۇ قېتىمقى ئۆرۈك چېچىكى بايرىمىدا، بارىن يېزىسى زامانىۋى مەدەنىيەتنى يېتەكچى قىلىپ، سەنئەت نومۇرلىرى بىلەن مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەشۋىقاتى، ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش، قانۇننى ئومۇملاشتۇرۇش تەشىۋىقاتلىرىنى ئېلىپ باردى ، ھەممەيلەنگە تونۇشلۇق بولغان سەنئەت ساھەسىدىكى چولپانلاردىن ئوسمان ئەمەت، ئابدۇكىرىم ئابلىز، خەيرىگۈل ھەسەن، تۇرسۇنگۈل قادىر، ئارزۇگۈل مۆمىن قاتارلىق چولپانلار ئورۇنلىغان ئېسىل سەنئەت نۇمۇرلىرى نەق مەيدان كەيپىياتىنى يەنە بىر بالداق يۇقىرى كۆتۈرۈپ، دېھقانلارنىڭ مەنىۋى تۇرمۇشىنى بېيىتتى. ئۆرۈك چېچىكى بايرىمى نەق مەيداندا ئەنئەنىۋى قول ھۈنەرۋەنچىلىك بۇيۇملىرى كۆرگەزمىسى ئۆتكۈزۈلدى. 2010 - يىلى بارىن يېزىسىدا تۇنجى نۆۋەتلىك ئۆرۈك چېچىكى بايرىمى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، ئۇدا 6 - نۆۋەتلىك ئۆرۈك چېچىكى بايرىمى ئۆتكۈزۈش ئارقىلىق، بارىن ئۆرۈكىنىڭ تونۇلۇش دەرىجىسى ۋە ئىناۋىتى ئۆستى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى