- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
1-پەسىلدە، جۇڭگو دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ چېگرا ھالقىپ سېتىۋېلىش دۆلىتىگە ئايلاندى
2016.04.08 15:20 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 7-ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۇنيا پۇل مۇئامىلە سانلىق مەلۇماتى بىلەن تەمىنلىگۈچى سودىگەر دروكى شىركىتىنىڭ ئەڭ يېڭى ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، بۇ يىلنىڭ 1-پەسىلدە، جۇڭگو ئېلان قىلغان چەت ئەلدىكى كارخانىلارنى سېتىۋېلىش ئومۇمىي سوممىسى 92 مىليارد 200 مىليون دوللارغا يېتىپ، يېڭى رېكورت ياراتقان.
سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشچە، جۇڭگو 1-پەسىلدە دۇنيا بويىچە چېگرا ھالقىپ كارخانا سېتىۋېلىشتىكى ئەڭ چوڭ سېتىۋېلىش دۆلىتىگە ئايلانغان بولۇپ، %30 بازار ئۆلۈشىنى ئىگىلىگەن؛ كانادا 62 مىليارد 400 مىليون دوللار بىلەن %20 بازار ئۆلۈشىنى ئىگىلىگەن؛ ئامېرىكا 48 مىليارد 500 مىليون دوللار بىلەن %16نى ئىگىلىگەن.
جۇڭگونىڭ چەت ئەل كارخانىلىرىنى سېتىۋېلىشى 2010-يىلىدىن بۇيان ئۇدا ئالتە يىل ئاشقان، جۇڭگونىڭ چەت ئەل كارخانىلىرى سېتىۋېلىش ئومۇمىي سوممىسى 2015-يىلى 106 مىليارد 900 مىليون دوللارغا يەتكەن. (شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى)
مەنبە: خەلق تورى
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر