باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>كۆپ بەتلىك خەۋەرلەر

شىنجاڭ خوتەننىڭ ئەنئەنىۋى ئەتلەس ھۈنەر - سەنئىتى قايتا جۇلالاندى

2016.04.08 15:43   مەنبە: خەلق تورى

شىنجاڭ خوتەننىڭ ئەنئەنىۋى ئەتلەس ھۈنەر - سەنئىتى قايتا جۇلالاندى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 8- ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 5 - ئاپرېل، شىنجاڭ خوتەن شەھىرىنىڭ جىيا يېزىسى كالتەتۈگمەن كەنتىدىكى مەخسۇس ئەنئەنىۋى قول بىلەن ئەتلەس توقۇيدىغان ھۈنەرۋەنچىلىك دۇكىنىدا، پىلە غوزىكىنى قاينىتىپ يىپەك يىپ چىقىرىشتىن يىپنى بوياش، قولدا ئەتلەس توقۇشقىچە بولغان ھەرقايسى ئىش ھالقىسى تەرتىپلىك ئىشلىنىۋاتقان ئىدى.

  تونۇشتۇرۇلۇشىچە، جىيا يېزىسى شىنجاڭ ئەتلىسى توقۇلىدىغان ئاساسلىق يۇرت بولۇپ، ئەتلەس ماكانى دېگەن نامى بار. ھازىرغىچە بۇ يېزىدا يەنىلا قەدىمكى بوياقچىلىق رەڭلىرى ئارقىلىق بوياش تېخنىكىسى ۋە ياغاچتىن ئۆزى ياسىۋالغان توقۇمىچىلىق دۇكىنى ساقلىنىپ كەلگەن.

  بۇ يېزىنىڭ ئۈچتىن ئىككى قىسىم ئاممىسى ئەتلەس توقۇيدىغان بولۇپ، ئىستاتىستىكا قىلىنىشىچە، خوتەن شەھىرىدە 100 دىن ئارتۇق ئوتتۇرا، كىچىك كۆلەملىك ئەتلەس توقۇش بويىچە ئىگىلىك تىكلەش بازىسى قۇرۇلغان. پەقەت جىيا يېزىسىدىلا ئەتلەس توقۇشنى ئۆگىندىغان ياشلار 100 دىن ئاشىدىكەن. بۇ خىل يوقىلىش گىردابىغا بېرىپ قالغان ئەتلەسچىلىك ۋە يىپەك توقۇمىچىلىق ھۈنىرى يېقىنقى يىللاردىن بۇيان بۇ جايدا قايتىدىن گۈللىنىشكە يۈزلەنگەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى

【1】 【2】 【3】 【4】 【5】 

ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

 سۈرەتلەر

  •  ئاڭلىغانمۇسىز

    •  تەۋسىيە

      ·ئالىي مائارىپ سۈپىتى «دۆلەت دوكلاتى» تۇنجى قېتىم ئېلان قىلىندى
      ·بېيجىڭ شەھىرى يېڭى ئوتتۇرا مەكتەپ ئىمتىھانى ئىسلاھات لايىھەسىنى ئېلان قىلدى
      ·2017-يىلى ئالىي دەرىجىلىك باشقۇرۇش خادىملىرىنىڭ سودا-سانائەت باشقۇرۇش ماگىستىرلىقى مەملىكەتلىك بىر …
      ·چىڭخۇا ئۇنىۋېرسىتېتى ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىدا چەت، نامرات، ئاز سانلىق مىللەتلەر رايونلىرىدىكى يېزىل…
      ·دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى ئالاقىدار سىياسەت-ھۆججەتلەرنى بىكار قىلىپ باشلانغۇچ، ئوتتۇرا …
      ·بۇ يىل شىنجاڭدىكى 10 ئادەتتىكى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ رايون ئاتلاپ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىدۇ
      ·تۈركىيە ئالاھىدە ساقچى ئاپتوموبىلى ھۇجۇمغا ئۇچراپ يەتتە ساقچى قازا قىلدى، 23 ئادەم يارىلاندى 
      ·مائارىپ مىنىستىرلىقى: 2016-يىلى نۇقتىلىق ئالىي مەكتەپلەرنىڭ يېزا ۋە نامرات رايونلاردىن ئوقۇغۇچى قوب…
      ·تۈركىيە ئىككى يىل ئىچىدە قاتاردا ھەربىي بازار قۇرۇشنى پىلانلىدى
      ·مائارىپ مىنىستىرلىقى ئوتتۇرا دەرىجىلىك كەسپىي مەكتەپلەردىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ قوش ئوقۇش تەۋەلىكىنى يال…