باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

شىنجاڭ چېگرا پرىيوم-كارانتىن ئىدارىسى ئىستىمالچىلارنى «ۋىيېتنامدىن ئىمپورت قىلىنغان قېتىق»نى ئالماسلىقنى ئەسكەرتتى

2016.04.08 15:41         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 8- ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يېقىندا، خەنزۇچە بەلگىسى يوق، ئەتكەسچىلىك يولى بىلەن ئىمپورت قىلىنغان دەپ گۇمان قىلىنغان «ۋىيېتنامدىن ئىمپورت قىلىنغان قېتىق» جىمجىتلا مەركىزىي شەھەر بازارلىرىدا سېتىلغان. بۇنىڭغا قارىتا، شىنجاڭ چېگرا پرىيوم-كارانتىن ئىدارىسى ئىستېمالچىلارنى مەنبەسى ئېنىق بولمىغان بۇ خىل «قېتىق»لاردا بىخەتەرلىك يوشۇرۇن تەھدىتى ساقلانغان بولۇشى مۇمكىنلىكىنى، ئەمدى ئىچمەسلىكنى ئەسكەرتتى.

  6- ئاپرېل سائەت 13 لەردە، ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ تۆگەدەڭ ئەتراپىدىكى بىر مېۋە دۇكىنىدا چەت ئەل يېزىقىدا بەلگىسى بار قېتىق سېتىلىۋاتقان بولۇپ، بۇ خىل قېتىقنىڭ سىرتقى شەكلى تاللا بازىرىدا سېتىلىدىغان كىچىك قۇتىلىق قېتىققا ئوخشىشىپ قالىدىكەن، قېپىغا دۇريان مېۋىسى، مانگو قاتارلىقلارنىڭ سۈرىتى چۈشۈرۈلگەن بولۇپ، ئىشلەپچىقىرىلغان ۋاقتى ۋە سۈپىتىگە كاپالەتلىك قىلىش مۇددىتى چەت ئەل يېزىقىدا تونۇشتۇرۇلغان، سىنچىلاپ قارىمىسا پەرق ئېتىش ناھايىتى قىيىن ئىكەن.

  مۇخبىرنىڭ دىققەت قىلىشىچە، بىر قىسىم ئەڭ ئالدىنقى رەتكە تىزىلغان قېتىقلارنىڭ سۈپەت كاپالىتى مۇددىتى بىرنەچچە كۈن ئۆتۈپ كەتكەن. مېۋە دۇكىنى خوجايىنىنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ «ۋىيېتنامدىن ئىمپورت قىلىنغان قېتىق» ئون يۈەنگە ئۈچ قاپ بېرىلىدىغان بولۇپ، سېتىلىشى بەك تېز ئىكەن. مۇخبىر ئۇنىڭدىن سۈپەت كاپالىتى مۇددىتىنى قانداق تەكشۈرىدىغانلىقىنى سورىغاندا، غوجايىن ئۆزىنى قاچۇرۇپ، پەقەت بۇلارنىڭ ھەممىسى ھەر خىل مېۋە تەملىك، بەك ئىچىشلىك دەپ تونۇشتۇرغان.

  تاۋباۋ تورىدىن «ۋىيېتنامدىن ئىمپورت قىلىنغان قېتىق» دەپ ئىزدىگەندە، دەرھال نەچچە ئونلىغان سېتىش ئۇچۇرىنى كۆرسەتكەن. گۇاڭشىدىكى بىر دۇكاندارنىڭ ئېيتىشىچە، مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا مال تارقىتىلىدىغان بولۇپ، شىنجاڭنىڭ ئۈرۈمچى، كورلىدىمۇ سېتىۋالىدىغانلار بار ئىكەن.

  شىنجاڭ چېگرا پرىيوم - كارانتىن ئىدارىسى يېمەكلىك باشقارمىسىنىڭ باشلىقى يۈ چىيەن تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: جۇڭگو بىلەن ۋىيېتنامنىڭ سۈت مەھسۇلاتلىرى سەھىيە گۇۋاھنامىسى بېكىتىلمىگەن، شۇڭا ھازىر ۋىيېتنامدىن جۇڭگوغا سۈت مەھسۇلاتلىرى ئېكسپورت قىلىشقا بولمايدۇ. بازاردا سېتىلىۋاتقان ئىمپورت تاۋارلىرىنىڭ خەنزۇچە بەلگىسى ۋە چېگرادىن كىرگۈزۈلىدىغان مالنى پىرىيوم - كارانتىن قىلىش ئىسپاتى بولمىسا، دەرھال سېتىشنى توختىتىش كېرەك.

  «ئىمپورت قىلىنغان يېمەكلىك» ئەگەر قېلىپلاشقان قانۇنلۇق تەرتىپ ئارقىلىق ئىمپورت قىلىنمىغان بولسا، تەكشۈرۈش - كارانتىن قىلىش تارماقلىرىنىڭ لاياقەت جەھەتتىن تەكشۈرۈشىدىن ئۆتكۈزۈلمىگەن بولسا، خام ئەشيا ئىشلىتىش، پىششىقلاپ ئىشلەش جەريانى، ساقلاش، تىرانسپورت قاتارلىق جەھەتلەردە بىخەتەرلىك يوشۇرۇن تەھدىتى ساقلانغان بولۇش ئېھتىماللىقى بولۇپ، ئىستېمالچىلارنىڭ سېتىۋالماسلىقى ۋە ئىستېمال قىلماسلىقىنى ئەسكەرتىمىز.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر