باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

مەركىزىي بانكا: چىقىم قىلىش-راسچوت قىلىشتىكى قانۇنغا خىلاپ قىلمىشلارنى پاش قىلغانلار مۇكاپاتلىنىدۇ، دېدى

2016.04.08 17:04         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 8-ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: جۇڭگو خەلق بانكىسى 7-ئاپرېل «چىقىم قىلىش- راسچوت قىلىشتىكى قانۇنغا خىلاپ قىلمىشلارنى پاش قىلىشنى مۇكاپاتلاش چارىسى»نى ئېلان قىلىپ، چىقىم قىلىش- راسچوت قىلىشىكى قانۇنغا خىلاپ قىلمىشلارنى پاش قىلىشنى مۇكاپاتلاش تۈزۈمى ئورناتتى.

  چارىدە، ھەرقانداق ئورۇن ۋە شەخسلەر چىقىم قىلىش- راسچوت قىلىشتىكى قانۇن، بەلگىلىمىگە خىلاپ قىلمىشلارنى پاش قىلىشقا ھوقۇقلۇق. پاش قىلىش ماس كېلىدىغان دائىرىلەر چىقىم-راسچوت ساھەسىگە قارىتىلغان بولۇپ، بانكا ھېساباتى، چىقىم ھېساباتى، چىقىم قورالى، چىقىم قىلىش سىستېمىسى قاتارلىق راسچوت قىلىش كەسپىدىكى ھەر خىل قانۇنسىز قىلمىشلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، دېيىلدى.

  چارىدە مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: چىقىم قىلىش- راسچوت قىلىشتىكى قانۇن، بەلگىلىگە خىلاپ قىلمىشلارنى پاش قىلغاندا، ھەقىقىي ئىسمى بىلەن پاش قىلىشى، يەنە كېلىپ پاش قىلغان ئوبيېكتى ئېنىق، پاش قىلغان پاكىت ۋە دەلىل ئىسپات كونكرېت بولۇش لازىم. پاش قىلغۇچىنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق - مەنپەئەتىنى قوغداش ئۈچۈن، پاش قىلغانلارنى مۇكاپاتلاشتا پاش قىلغۇچىنىڭ مەخپىيەتلىكىنى ساقلاش پىرىنسىپىغا ئەمەل قىلىنىدۇ. جۇڭگو چىقىم ھېسابات جەمئىيىتى پاش قىلىشنى قوبۇل قىلىش، تەكشۈرۈش، بىر تەرەپ قىلىش، مۇكاپاتلاش قاتارلىقلارغا مەسئۇل بولىدۇ، كونكرېت مۇكاپاتلاش ئۆلچىمىنى ھېسابات جەمئىيىتى تۈزىدۇ ھەمدە سىرتقا ئېلان قىلىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر