باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ئىشلىرى نازارىتىنىڭ سابىق مۇئاۋىن كۆزەتكۈچىسى يى مىڭكۈي پارا ئېلىش جىنايىتىگە چېتىلغانلىقى ئۈچۈن سوتلاندى

2016.04.08 15:39         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 8- ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 6- ئاپرېل، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ئىشلىرى نازارىتىنىڭ سابىق مۇئاۋىن كۆزەتكۈچىسى يى مىڭكۈي (مۇئاۋىن نازىر دەرىجىلىك)، پارا ئېلىش جىنايىتىگە چېتىلغانلىقى ئۈچۈن، ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسىدە سوت ئېچىپ قاراپ چىقىلدى، ئەيىبلىگۈچى ئورگاننىڭ ئەيىبلىشىچە، يى مىڭكۈي خىزمەت قولايلىقىدىن پايدىلىنىپ، ئىلگىرى - ئاخىر بولۇپ كۆپ قېتىم تەلەپ قىلىش ۋە باشقىلار بەرگەن پارىنى قوبۇل قىلىش ئارقىلىق جەمئىي 280 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق پۇل ئالغان.

  ئەيىبلىگۈچى ئورگان كۆرسەتكەن تۆت قىتىملىق دېلو پاكىتىدا، يى مىڭكۈينىڭ ئاقلىغۇچى ئادۋوكاتى يى مىڭكۈينى ئاقلاپ، يى مىڭكۈي ئالغان بىر قىسىم مال - مۈلۈك ئادەمگەرچىلىككە تەۋە، پارا ئېلىش ئەمەس دىگەن بولسىمۇ، لېكىن، يى مىڭكۈي ئۆزىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى بايانىدا جىنايىتىنى تونۇپ، جىنايىتىگە توۋا قىلىشنى خالايدىغانلىقىنى، سوت مەھكىمىسىنىڭ ھۆكۈمىگە بويسۇنىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

  شۇ كۈنى، سوت مەھكىمىسى سوت قىلغاندىن كېيىن، شۇ سوتنىڭ ئۆزىدە ھۆكۈم ئېلان قىلىنمىغان.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر