باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

پوروشېنكو: ئۇكرائىنانىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىغا كىرىش فاڭجېنى ئۆزگەرمەيدۇ، دېدى

2016.04.08 17:05         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 8-ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئۇكرائىنا زوڭتوڭى پوروشېنكو 7-ئاپرېل، گەرچە گوللاندىيەدىكى ئومۇمىي ئاۋازغا قويۇش نەتىجىسىدە كۆپ سانلىق كىشىنىڭ ئۇكرائىنانىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىغا كىرىشىگە قارشى تۇرىدىغانلىقى كۆرسىتىلگەن بولسىمۇ، ئەمما ئۇكرائىنانىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىغا كىرىش فاڭجېنىنىڭ ئۆزگەرمەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

  پوروشېنكو ئۇكرائىنا زوڭتوڭ تور بېكىتىدە ئېلان قىلغان سىندا، «ئىشىنىمەنكى، بۇ ئىش ئىستراتېگىيە جەھەتتە ئۇكرائىنانىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىغا كىرىش يولىدىكى توسالغۇ بولۇپ قالالمايدۇ. مەسئۇلىيەتچانلىق بىلەن شۇنى دەيمەنكى، گەرچە گوللاندىيەدىكى ئومۇمىي ئاۋازغا قويۇش نەتىجىسىدە كۆپ سانلىق كىشى ئۇكرائىنانىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىغا كىرىشىگە قارشى تۇرغان بولسىمۇ، ئۇكرائىنا داۋاملىق مۇناسىۋەتلىك دۆلەت كېلىشىمىنى قەتئىي ئىجرا قىلىپ، ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن چوڭقۇر ئومۇميۈزلۈك ئەركىن سودا رايونى قۇرۇشقا كاپالەتلىك قىلىدۇ،» دېدى. ئۇ، ئومۇمىي خەلق ئاۋازغا قويۇشنىڭ پەقەتلا مەسلىھەت ئېلىش خاراكتېرلىك ئىكەنلىكىنى، چەكلەش كۈچى يوقلۇقىنى تىلغا ئالدى. بىراق ئۇ گوللاندىيە رەھبەرلىرىنىڭ ئەڭ ئاخىرىدا ئۇكرائىنا بىلەن ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ مۇناسىۋەتلىك دۆلەت كېلىشىمىنى تەستىقلىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

  ئۇكرائىنا دېپلوماتىيە مىنىسىتىرىمۇ شۇكۈنى، گوللاندىيەدىكى ئومۇمىي خەلق ئاۋازغا قويۇشنىڭ ياۋروپانىڭ ئەمەلىي بىر گەۋدىلىشىشىگە تەسىر يەتكۈزمەيدىغانلىقىنى، ئۇكرائىنانىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىك دۆلەتلىك كېلىشىمىنىڭ ئەمەلىيلىشىشىگىمۇ تەسىر يەتكۈزمەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر