خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 11- ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 9- ئاپرېل، 2016 - يىللىق جۇڭگو يىپەك يولى - كورلا نەشپۈتى مەدەنىيەت-ساياھەت بايرىمى كورلا نەشپۈتى ماكانى كۆل باغچىسىدا باشلاندى. شۇ كۈنى، كورلا شەھىرىنىڭ ھەممىلا يېرىدە ئاپئاق ئېچىلغان نەشپۈت چېچىكىنى كۆرگىلى بولاتتى، نەشپۈت چېچىكىنىڭ خۇش پۇرىقى ئەتراپنى قاپلىغانىدى. ئامما كورلا لەڭگەر يېزىسى نەشپۈت مەدەنىيەت باغچىسى، شىنىغا بازىرى قاتارلىق جايلاردا كەڭ كۆلەمدە نەشپۈت چېچىكىدىن ھوزۇرلاندى ھەم ئاق قۇ دەرياسىدا كېمىگە ئولتۇرۇپ، دەريانىڭ ئىككى تەرىپىدىكى نەشپۈت چېچىكىنى تاماشا قىلدى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى