خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 8-ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 7-ئاپرېل خېنەن دېڭفېڭدىكى شاۋلىن تاگو گۇمپا مەكتىپىنىڭ مەشىق مەيدانىدا، كۇرسانتلار دەرس ئارىلىقىدا چەمبەر شەكىلىنى چىقارماقتا. شۇ كۈنى خېنەن دېڭفېڭدىكى شاۋلىن تاگو گۇمپا مەكتىپىنىڭ 2016-يىللىق «ئەتىيازلىق مەشق»ى باشلاندى، 26 مىڭ ئوقۇغۇچى تەڭلا مەشق قىلىپ، سەپ شەكلىنى ئۆزگەرتىش، 18 خىل ياراغ ئىشلىتىش، شاۋلىن قاتتىق يەل گۇمپىسى، شاۋلىن كوللېكتىپ كالتەك مەشقى قاتارلىق كۆپ خىل گۇمپا مەشقىنى ئېلىپ باردى. «ئەتىيازلىق مەشق» شاۋلىن تاگو گۇمپا مەكتىپىنىڭ ھەر يىلى ئەتىياز پەسلىدە قانات يايدۇرىدىغان بىر تۈرلۈك بەدەننى كۈچلەندۈرۈش مەشىق پائالىيىتى بولۇپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ چىدامچانلىقى ۋە بەسلىشىش ھالىتىنى ئۆستۈرۈشنى مەقسەت قىلغان.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى