باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئاپتونوم رايونىمىز بۇ يىللىق تۇنجى تۈركۈمدە كىرگۈزگەن ئىجتىمائىي كاپىتالنىڭ ئۈلگە كۆرسىتىش تۈرىنى ئېلان قىلدى

2016.04.11 13:49         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 11- ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: بۇ يىل ئاپتونوم رايونىمىز تېخىمۇ كەڭ ساھەدە ئىجتىمائىي كاپىتال، بولۇپمۇ ئەلئارا كاپىتالغا ئىشىكنى كەڭ ئېچىۋېتىدۇ. ئاپتونوم رايونلۇق تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى 8 - ئاپرېل 2016 - يىللىق 1 - تۈركۈمدە كىرگۈزۈلگەن ئىجتىمائىي كاپىتالنىڭ ئۈلگە كۆرسىتىش تۈرىنى ئېلان قىلدى.

  بۇ تۈرلەر ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى ياخشىلاش، سۇچىلىق، شەھەر مەمۇرىيىتى ئۇل ئەسلىھەسى، قاتناش، ساياھەت، ماددىي ئەشيا قاتارلىق ساھەلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بۇ تۈرلەر ئىچىدە كورلا يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئېلېكتىروموبىلغا توك قاچىلاش يانداش ئەسلىھە قۇرۇلۇش تۈرى؛ چاپچال ئاپتوموبىل توختىتىش مەيدانى ۋە توك قاچىلاش ئەسلىھە تۈرى؛ پىچان پەن - تېخنىكا يېتىشتۈرۈش مەركىزى كەسپىي تېخنىكا ئەمەلىي مەشىق بازىسى قۇرۇلۇش تۈرى؛ ئالتاي ۋىلايەتلىك كەسپىي مائارىپ باغچىسى رايونى تۈرى؛ يوپۇرغا داۋاكۆل قۇملۇقى AAAA دەرىجىلىك مەنزىرە رايونى، پوسكام AAAAA دەرىجىلىك مەنزىرە رايونىنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش، ئۆزگەرتىش تۈرى قاتارلىقلار بار.

  2015-يىلى 4 - ئايدا ئاپتونوم رايونىمىز تۇنجى تۈركۈمدىكى ئۈلگە كۆرسىتىش تۈرىدىن 53 نى ئېلان قىلىپ، ئىجتىمائىي كاپىتالنى كىرگۈزگەن، تۈرگە جەمئىي 208 مىليارد 300 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىنغان ئىدى. 2015 - يىلى 8 - ئايدا ئاپتونوم رايون ئۈلگە كۆرسىتىش تۈرىدىن يەنە 72 نى ئېلان قىلىپ ئىجتىمائىي كاپىتالنى كىرگۈزۈپ، ئىجتىمائىي كاپىتال، بولۇپمۇ ئەلئارا سېلىنمىنى شېرىكلىشىش، مۇستەقىل مەبلەغ سېلىش، پاي قوشۇش، ئالاھىدە ئىجازەتلىك تىجارەت، ھۆكۈمەت ۋە ئىجتىمائىي كاپىتال ھەمكارلىشىش قاتارلىق شەكىللەرنى قوللىنىپ، قۇرۇلۇش ۋە تىجارەتكە قاتنىشىشقا رىغبەتلەندۈردى ۋە جەلپ قىلدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر