باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

شى جىنپىڭ شىۋېيتسارىيە فېدېراتسىيەسىنىڭ رەئىسى بىلەن سۆھبەتلەشتى

2016.04.11 09:20         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ تۈنۈگۈن خەلق سارىيىدا شىۋېيتسارىيە فېدېراتسىيەسىنىڭ رەئىسى سنېدىر ئومان بىلەن سۆھبەتلەشتى. ئىككى دۆلەت رەھبەرلىرى جۇڭگو بىلەن شىۋېيتسارىيەنىڭ يېڭىلىق يارىتىشچان ئىستراتېگىيەلىك شېرىكلىك مۇناسىۋىتى ئورنىتىشىنى بىردەك قارار قىلدى.

  شى جىنپىڭ تۈنۈگۈن چۈشتىن كېيىن خەلق سارىيىنىڭ شەرقىي دەرۋازىسى ئالدىدىكى مەيداندا مۇراسىم ئۆتكۈزۈپ، شىۋېيتسارىيە فېدېراتسىيەسىنىڭ رەئىسى سنېدىر ئوماننىڭ ئېلىمىزگە دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىگە كەلگەنلىكىنى قارشى ئالدى. سنېدىر ئومان شى جىنپىڭنىڭ ھەمراھلىقىدا جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيەسى ئۈچ ئارمىيەسىنىڭ ھۆرمەت قاراۋۇلىنى كۆزدىن كەچۈردى. شى جىنپىڭ سۆھبەتتە مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: شىۋېيتسارىيە يېڭى جۇڭگو بىلەن ئەڭ بۇرۇن دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان غەرب دۆلەتلىرىنىڭ بىرى، ئىككى دۆلەت باراۋەر، يېڭىلىق يارىتىشچان، تەڭ پايدا كۆرىدىغان جۇڭگو-شىۋېيتسارىيە ھەمكارلىق روھىنى بىرلىكتە يېتىلدۈرۈپ، ھەمكارلىق يوللىرىنى بارغانسېرى كېڭەيتمەكتە.

  شى جىنپىڭ مۇنداق دېدى: يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، جۇڭگو بىلەن شىۋېيتسارىيەنىڭ مۇناسىۋىتى ياخشى راۋاجلانماقتا، ھەر قايسى ساھەلەردىكى ئالماشتۇرۇشى ۋە ھەمكارلىقى تېخىمۇ قويۇقلاشماقتا، ئىقتىساد سودا ھەمكارلىقىنىڭ نەتىجىلىرى تېخىمۇ گەۋدىلىك بولماقتا. شىۋېيتسارىيە جۇڭگونىڭ ياۋروپادىكى 7-چوڭ سودا شېرىكى، ئۆتكەن يىلى ئىككى تەرەپنىڭ سودا سوممىسى 44 مىليارد 270 مىليون ئامېرىكا دوللىرىغا يەتتى، ئىككى دۆلەتنىڭ بىر كۈنلۈك سودا سوممىسى ئىككى دۆلەت دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان دەسلەپكى مەزگىلدىكى پۈتۈن يىللىق سودا سوممىسىنىڭ 26 ھەسسىسىگە توغرا كېلىدۇ.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: بىربىرىنى باراۋەر ئاساستا ھۆرمەت قىلىش، ئۆزئارا تەجرىبە ئالماشتۇرۇش ۋە ئەينەك قىلىش- بۇنىڭدىن كېيىن جۇڭگو بىلەن شىۋېيتسارىيەنىڭ يېڭىلىق يارىتىشچان ئىستراتېگىيەلىك شېرىكلىك مۇناسىۋىتىنى راۋاجلاندۇرۇشنىڭ سىياسىي ئاساسى. ئىككى تەرەپ ئىستراتېگىيەلىك كېڭىشىش قاتارلىق سۆزلىشىش مېخانىزملىرىنى ئورنىتىپ ۋە كۈچەيتىپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ يېڭى ئورنىنى ھەقىقىي ئەمەلىيلەشتۈرۈشى كېرەك. يول ئېچىپ يېڭىلىق يارىتىش ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ ئەڭ گەۋدىلىك ئالاھىدىلىكى. ئىككى تەرەپ ئەركىن سودا ۋە پۇل مۇئامىلە ھەمكارلىقىنى مۇستەھكەملەش ۋە كېڭەيتىش ئاساسىدا، ئىككى دۆلەتنىڭ يېڭىلىق يارىتىش ھەمكارلىق سۇپىسى ئورنىتىشىنى قوللاپ، كارخانىلار، ئالىي مەكتەپلەر، پەن-تەتقىقات ئاپپاراتلىرى ئارىسىدا يېڭىلىق يارىتىش ھەمكارلىقىنى قانات يايدۇرسا بولىدۇ. «بىر بەلباغ، بىر يول» جۇڭگو بىلەن شىۋېيتسارىيەنىڭ ھەمكارلىقىغا تېخىمۇ كەڭ بوشلۇق ھازىرلاپ بەردى، جۇڭگومۇ شىۋېيتسارىيە بىلەن ئاسىيا ئۇل ئەسلىھە سېلىنما بانكىسى رامكىسى ئىچىدە ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشنى خالايدۇ. ئىككى تەرەپ تېخىمۇ كۆپ ئادىمىيەت ئالماشتۇرۇشى سۇپىسى بەرپا قىلىپ، مائارىپ، مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قوغداش قاتارلىق جەھەتلەردىكى ھەمكارلىقنى داۋاملىق كېڭەيتىشى كېرەك.

  شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: شىۋېيتسارىيە شىۋېيتسارىيەنىڭ جۇڭگو بىلەن ياۋروپانىڭ مۇناسىۋىتىنى راۋاجلاندۇرۇشقا داۋاملىق كۆڭۈل بۆلىشى ۋە قوللىشىنى، جۇڭگو بىلەن ياۋروپانىڭ ھەر قايسى ساھەلەردىكى ئەمەلىي ھەمكارلىقىنى يەنىمۇ يۈكسەلدۈرۈشكە تۈرتكە بولۇشىنى ئۈمىد قىلىدۇ. شىۋېيتسارىيە جۇڭگونىڭ تولۇق بازار ئىگىلىكى ئورنىنى ئەڭ بۇرۇن ئېتىراپ قىلغان ياۋروپا ئەللىرىنىڭ بىرى، شۇنداقلا تۇنجى بولۇپ جۇڭگو بىلەن ئەركىن سودا كېلىشىمى ئىمزالىغان ياۋروپا دۆلىتى، بۇ جۇڭگو بىلەن ياۋروپانىڭ ھەمكارلىقىغا ئۈلگە تىكلەپ بەردى.

  سنېدىر ئومان مۇنداق دېدى: جۇڭگو بىلەن پەن-تېخنىكا، يېڭىلىق يارىتىش، مۇھىت ئاسراش، پۇل مۇئامىلە، مەدەنىيەت، مائارىپ، تەنتەربىيە قاتارلىق ساھەلەردىكى ئالماشتۇرۇش ۋە ھەمكارلىقنى يەنىمۇ كۈچەيتىشنى ئۈمىد قىلىمەن. شىۋېيتسارىيە «بىر بەلباغ، بىر يول» ۋە ئاسىيا ئۇل ئەسلىھە سېلىنما بانكىسى قۇرۇلۇشىغا پائال قاتنىشىشنى خالايدۇ.

  سۆھبەتتىن كېيىن ئىككى دۆلەت باشلىقلىرى كەسپىي بىخەتەرلىك ۋە ساغلاملىق، تۆۋەن كاربونلۇق شەھەر قۇرۇلۇشى، پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىق ھۆججەتلىرىنىڭ ئىمزالىنىشىغا بىرلىكتە شاھىت بولدى. ئىككى تەرەپ «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى بىلەن شىۋېيتسارىيە فېدېراتسىيەسىنىڭ يېڭىلىق يارىتىشچان ئىستراتېگىيەلىك شېرىكلىك مۇناسىۋىتى ئورنىتىش ھەققىدىكى بىرلەشمە باياناتى»نى بىرلىكتە ئېلان قىلدى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر