باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

شىنجاڭ 2016 - يىللىق تۇنجى نۆۋەتلىك ماناس كوچا ئاپتوموبىل مۇسابىقىسى 5-ئايدا ئۆتكۈزۈلىدۇ

2016.04.08 17:12         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 8-ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مۇخبىرنىڭ شىنجاڭ ماناس ناھىيەلىك مەدەنىيەت-تەنتەربىيە، ساياھەت، رادىيو-كىنو-تېلېۋىزىيە ئىدارىسىدىن ئىگىلىشىچە، 2016 -يىللىق تۇنجى نۆۋەتلىك شىنجاڭ ماناس كوچا ئاپتوموبىل مۇسابىقىسى 11-مايدىن 13-مايغىچە ماناس ناھىيەسىدە ئۆتكۈزۈلىدىكەن، نۆۋەتتە تىزىملىتىش باشلانغان.

  2016- يىللىق تۇنجى نۆۋەتلىك شىنجاڭ ماناس كوچا ئاپتوموبىل مۇسابىقىسى شىنجاڭ ئاپتوموبىل ھەرىكىتى جەمئىيىتى تەستىقلىغان ئۆلكە دەرىجىلىك مۇسابىقە بولۇپ، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق تەنتەربىيە ئىدارىسى ئۇيۇشتۇرغان؛ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئاپتوموبىل ھەرىكىتى جەمئىيىتى، شىنجاڭ ماناس ناھىيەلىك خەلق ھۆكۈمىتى، شىنجاڭ خەنما تەنتەربىيە چەكلىك شىركىتى ئۈستىگە ئالغان.

  بۇ قېتىمقى مۇسابىقىگە ھەر خىل تىپتىكى ئاپتوموبىل قاتناشسا بولىدۇ. مۇسابىقىگە قاتناشقۇچىلار ئەر-ئايال دەپ چەكلەنمەيدۇ، يېشى 18 گە توشقان، قولىدا جۇڭگونىڭ بەش يىلدىن يۇقىرى C تۈردىكى ھەيدەش پىراۋىسى ھەم تەجرىبىسى بولۇشى كېرەك، ئاپتوموبىل تەنھەرىكەت ماھىرى كىنىشكىسى بار بولسا، ئالدىن تىزىمغا ئېلىنىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر