- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
يەنتەي ساقچىلىرى ساختا قوشۇلما قىممەت بېجى تالونى پەۋقۇلئاددە زور دېلوسىنى پاش قىلدى
دېلوغا چېتىشلىق باھا بېجى 11 مىليارد يۈەنگە يېتىدۇ
2016.04.08 17:16 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 8-ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يېقىندا، شەندۇڭ ئۆلكىسىنىڭ يەنتەي شەھىرى تەرەققىيات رايونى جامائەت خەۋپسىزلىكى شۆبە ئىدارىسى بېيجىڭ، شەندۇڭ، خېنەن، جياڭسۇ، گۇاڭدۇڭ، خۇبېي، نىڭشيا قاتارلىق 12 ئۆلكە ( شەھەر، رايون)غا چېتىشلىق ساختا قوشۇلما قىممەت بېجى تالونى پەۋقۇلئاددە زور دېلوسىنى پاش قىلدى، دېلوغا چېتىشلىق باھا بېجى 11 مىليارد يۈەنگە يېتىدۇ. جىنايەت شايكىلىرى يەتتە ئاي ئىچىدە جەمئىي 1169 پارچە ساختا قوشۇلما قىممەت بېجى تالونى كەسكەن بولۇپ، لى فامىلىلىك، جاۋ فامىلىلىك، فېن فامىلىلىك باشچىلىقىدىكى توققۇز جىنايەت گۇماندارى قولغا چۈشۈرۈلدى .
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر