باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

كېلەر يىلىدىن باشلاپ، ئاپتونوم رايون مالىيەسىنىڭ يېزا ئىگىلىگىكە ئالاقىدار ياردەم پۇلى مەبلىغىنىڭ ھەممىسى يېڭى «ھەممىباپ كارتا» سىستېمىسىدا تارقىتىلىدۇ

2016.04.11 13:51         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 11- ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مۇخبىرنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق مالىيە نازارىتىدىن ئىگىلىشىچە، 2017 - يىلىدىن باشلاپ، ئاپتونوم رايون دائىرىسىدە ئومۇمەن دېھقانلارغا ئالاقىدار خەلققە نەپ يەتكۈزۈش ياردەم مەبلىغىنىڭ ھەممىسى بارلىق يېڭى «ئاممىباپ كارتىسى» ئارقىلىق، يەنى دېھقانلارغا ۋە خەلققە نەپ يەتكۈزۈش ياردەم مەبلىغىنى باشقۇرۇش سىستېمىسى ئارقىلىق تارقىتىلىپ، ئەسلىدە ئىشلىتىلىۋاتقان كونا «ھەممىباپ كارتا» سىستېمىسى 2016-يىلىنىڭ ئاخىرىدا ئالاقىدار مۇلازىمەت قىلىشتىن توختىتىلىدىكەن.

  يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، مالىيە ئىسلاھاتى ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش خىزمىتىنىڭ ئۈزلۈكسىز ئىلگىرى سۈرۈلۈشىگە ئەگىشىپ، زور مىقداردىكى مالىيە مەبلىغى يېزىلارغا مايىللاشتۇرۇلدى. دېھقانلارغا قارىتىلغان بىۋاسىتە بېرىلىدىغان تولۇقلىما خاراكتېرلىك مەبلەغ يىلدىن يىلغا كۆپەيگەن ئەھۋال ئاستىدا، كونا « ھەممىباپ كارتا » (يەنى مالىيەنىڭ يېزا ئىگىلىكىگە ئالاقىدار مەبلەغ ھەممىباب كارتىسى ۋە دېھقان - چارۋىچىلارنىڭ ئۇل ئۇچۇر ئامبىرى) سىستېمىسىدا دېھقان - چارۋىچىلارنىڭ ئاساسىي ئۇچۇرى تۇلۇق بولمىغانلىقتىن، ياردەم مەبلىغى ئەھۋالىنى ئۇمۇميۈزلۈك ھەقىقىي ئەكس ئەتتۈرۈشكە ئامالسىز قالدى.

  2015- يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە، ئاپتونوم رايون بويىچە 12 ۋىلايەت، ئوبلاست، 61 ناھىيە (شەھەر)دە يېڭى «ھەممىباپ كارتا» سىستېمىسى ئارقىلىق تۇرالغۇ ئۆي تۈرى، يېزا ئىگىلىك تۈرى قاتارلىق يېزا ئىگىلىكىگە ئالاقىدار خەلققە نەپ يەتكۈزۈش تولۇقلىما بېرىش تۈرى جەمئىي 43 تۈر، قەرز مەبلىغى 5 مىليارد 158 مىليون يۈەن بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە پاختىنىڭ نىشانلىق باھا ئىسلاھاتىنى نۇقتىدا سىناق قىلىش ياردەم پۇلى تولۇقلىما ئومۇمىي سوممىسىنىڭ % 60 نى ئىگىلىگەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر