باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

يۈ جېڭشېڭ مالتانىڭ پارلامېنت باشلىقى فارۇجا بىلەن كۆرۈشتى

2016.04.11 15:10         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى يۈ جېڭشېڭ تۈنۈگۈن ئاڧرىقىدىكى ئۈچ دۆلەتكە رەسمىي دوستلۇق زىيارىتىگە بېرىش يولىدا مالتادىن چېگرىدىن ئۆتتى، ۋالەيتادا مالتانىڭ پارلامېنت باشلىقى فارۇجا بىلەن كۆرۈشتى. يۈ جېڭشېڭ مۇنداق دېدى: جۇڭگو مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭىشى مالتا پارلامېنتى ۋە جەمئىيەتتىكى ھەر ساھە بىلەن قويۇق ئالاقىنى ساقلايدۇ، دۆلەتنى ئىدارە قىلىش ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش تەجرىبىلىرىنى كۈچەيتىپ، ئىككى دۆلەتنىڭ ئەمەلىي ھەمكارلىقىنى كېڭەيتىشكە ياخشى مۇھىت يارىتىپ، جۇڭگو بىلەن مالتانىڭ مۇناسىۋىتىنىڭ چوڭقۇر راۋاجلىنىشىنى بىرلىكتە ئىلگىرى سۈرىدۇ.

  فارۇجا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: مالتا پارلامېنتى جۇڭگو بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىدۇ، جۇڭگو بىلەن ھەر قايسى قاتلامدىكىلەر ئالاقىسىنى كۈچەيتىپ، ئىككى تەرەپنىڭ ئەمەلىي ھەمكارلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ ئۈزلۈكسىز ئالغا راۋاجلىنىشىغا تۈرتكە بولۇشنى خالايدۇ.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر