باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى مەملىكەت بويىچە ئىلغار پارتىيە ئەزالىرى، مەملىكەت بويىچە ئىلغار پارتىيە ئىشلىرى خىزمەتچىلىرى، مەملىكەت بويىچە ئىلغار ئاساسىي قاتلام تەشكىلاتلىرىنى تەقدىرلەشنى قارار قىلدى

2016.04.11 14:06         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 11-ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: بۇ يىل جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 95 يىللىقى، «13-بەش يىل» يىرىك پىلاننى يولغا قويۇشنىڭ باشلىنىش يىلى. پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، ئاساسىي قاتلام تەشكىلاتى ۋە كەڭ پارتىيە ئەزالىرىنىڭ پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش تەلىپىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، جەڭ ئىستىھكامىلىق رولى ۋە ئاۋانگارت، نەمۇنىلىك رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ھەر قايسى ئۇرۇش سېپى، ھەر ساھە، تۈرلۈك خىزمەتلەردە قولغا كەلتۈرگەن مول نەتىجىلىرىنى نامايان قىلىش ئۈچۈن، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى پارتىيە قۇرۇلغانلىقىنىڭ 95 يىللىقى مابەينىدە، مەملىكەت بويىچە ئىلغار پارتىيە ئەزالىرى، مەملىكەت بويىچە ئىلغار پارتىيە ئىشلىرى خىزمەتچىلىرى، مەملىكەت بويىچە ئىلغار ئاساسىي قاتلام تەشكىلاتلىرىنى تەقدىرلەشنى قارار قىلدى. مەركىزىي كومىتېت تەشكىلات بۆلۈمى يېقىندا «مەملىكەت بويىچە ئىلغار پارتىيە ئەزالىرى، ئىلغار پارتىيە ئىشلىرى خىزمەتچىلىرى، ئىلغار ئاساسىي قاتلام تەشكىلاتلىرىنى نامزاتلىققا كۆرسىتىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش»نى تارقىتىپ، نامزاتلىققا كۆرسىتىش، تەقدىرلەش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشكە قارىتا ئورۇنلاشتۇرۇش قىلدى.

  «ئۇقتۇرۇش»تا مۇنۇلار تەكىتلەندى: بۇ قېتىمقى تەقدىرلەش ئوبيېكتى غايە-ئېتىقادى مۇستەھكەم، پارتىيەگە قەتئىي سادىق، پارتىيەنىڭ لۇشيەن، فاڭجېن، سىياسەتلىرىنى باشلامچىلىق بىلەن ئىجرا قىلىدىغان، تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش، ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، ئاممىغا مۇلازىمەت قىلىش مۇقىملىقنى قوغداش جەھەتلەردە كۆرۈنەرلىك نەتىجىگە ئېرىشكەن، پارتىيە ئەزالىرى بىلەن ئاممىنىڭ بىردەك ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشكەن ئىلغار نەمۇنىلەردىن ئىبارەت. ئۇلارنى تەقدىرلەش ئارقىلىق، ئاكتىپ كۈچنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، ئۈلگە تىكلەپ، ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتى ۋە پارتىيە ئەزالىرىنى «تۆت ئومۇميۈزلۈك» ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرۇشىنى ماس ئىلگىرى سۈرۈش، بەش چوڭ تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، تۇنجى 100 يىل كۈرەش نىشانىنى تىرىشىپ ئەمەلگە ئاشۇرۇش جەريانىدا پائال ئىلگىرىلەپ، خىزمەت كۆرسىتىپ، تېخىمۇ زور تۆھپىلەرنى قوشۇشقا رىغبەتلەندۈرۈش كېرەك. (شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر