باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

رۇسىيە بىلەن ئامېرىكىنىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرلىرى سۈرىيە مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلدى

2016.04.11 15:07         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  رۇسىيەنىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرى لاۋروف بىلەن ئامېرىكىنىڭ دۆلەت ئىشلىرى كاتىپى كېررى 10-ئاپرېل تېلېفونلاشتى، ئىككى تەرەپ ئۇرۇش توختىتىشنى مۇستەھكەملەش ئۈچۈن، سۇرىيە مەسىلىسىدە يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ھەمكارلىشىشقا قوشۇلدى، ھەمدە ناگرنو قارا باغ رايونىدىكى توقۇنۇشىۋاتقان ئىككى تەرەپنىڭ ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىنى ھاسىل قىلغانلىقىنى قارشى ئالدى.

  ئىككى تەرەپ مۇنداق دەپ ھېسابلىدى: سۇرىيەنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتىگە قارتا، رۇسىيە بىلەن ئامېرىكا ئۇرۇش توختىتىشنى يەنىمۇ مۇستەھكەملەش ئۈچۈن ھەمكارلىق دائىرىسىنى يەنىمۇ كېڭەيتىپ، ئىسلام دۆلىتى بىلەن قوللاش فىرونتى قاتارلىق تېررورچى تەشكىلاتلارغا زەربە بېرىشنى كۈچەيتىشى كېرەك. ئىككى تەرەپ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى باش كاتىپىنىڭ سۇرىيە مەسىلىسى بويىچە ئالاھىدە ئەلچىسى دىمىستۇرانىڭ يېڭى بىر نۆۋەتلىك سۇرىيە مەسىلىسى جەنۋە تىنچلىق سۆھبىتى ئۈچۈن كۆرسەتكەن تىرىشچانلىقىنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى، ھەمدە سۇرىيەنىڭ تىنچلىق سۆھبىتىدە كەڭ قورساقلىقىنى ساقلاش زۆرۈر دەپ ھېسابلىدى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر